پۇتىن «دالاي رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن» دېگەن سۆزىنى ئەينەن خەۋەر بەرمەي مۇناسىۋەتنى بۇزدى

0 2012-08-09 10:16:01   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       رۇسىيە زۇڭتۇڭ مەكىمىسىنىڭ تور بېكىتىدىكى پۇتىن سۆزلىگەن سۆزنىڭ ئەسلى تېكىستىدىن ئايانكى، رۇسىيەنىڭ دالاينى سىياسىي ئەرباب دەپ قارايدىغانلىقىدا ئۆزگىرىش بولمىغان. 7-ئاينىڭ 31-كۈنى پۇتىن «سيېگېل ـــ 2012» مۇنبىرىگە قاتناشقاندا، پۇتىن كالميكيا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلى «يېقىندا دالاي رۇسىيەنى زىيارەت قىلامدۇ−قانداق» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغانلارغا شۇنداق دەپ قويايكى، بۇ مەسىلە دالاينىڭ دۇنيادا دىنىي زات ئەمەس، بەلكى سىياسىي ئەرباب بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە، كالميكيالارنىڭ دالاينىڭ كېلىشىگە بولغان تەشناسىنى چۈشىنىمەن، مەن بۇ جەھەتتە خىزمەت ئىشلەيمەن.»
  جۇڭگونىڭ جۇڭگو−رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خەييۈن مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى «يەر شارى گېزىتى»گە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بىرقەدەر تەڭپۇڭ بولۇپ، يېڭىچە كۆز قاراش ئەمەس، پۇتىننىڭ دالاينىڭ «سىياسىي ئەرباب» ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىشىدە دالاينىڭ بۇ خىل سالاھىيىتى ۋە جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى كۆزدە تۇتۇلغان، ئۇ دالاينىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشىنىڭ مۇمكىنلىكى يوقلۇقىنى سىپايىلىك بىلەن بىلدۈرگەن.
  غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ دالاي مەسىلىسىدە مەيدانى ئۆزگەردى، دەپ قارىشى بۇنى توغرا چۈشەنمىگەنلىك ياكى بىر تەرەپلىمىلىك چۈشەنگەنلىك بولۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى بۇزىدۇ. ۋاڭ خەييۈن مۇنداق دەپ قارىدى: رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى ئىزچىل سەگەك بولۇپ كەلدى. جۇڭگونىڭ شىزاڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنىمۇ ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېنىق بىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博