تۈركىيە ھۈكۈمەتنى ئاغدۇرۇش سۇيقەستىدە بولغان 40 نەپەر گېنېرالنى ھەربىيلىكتىن چىكىندۈردى

0 2012-08-08 11:34:34   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئامېرىكا نىيويۇرك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تۈركىيە ھۈكۈمەت تەرەپ ئەمەلدارى بۈگۈن ھەربىي تەرەپنىڭ  ھازىر تەكشۈرۈش ئۈستىدە تۇرىۋاتقان 40 نەپەر گېنېرالنى ھەربىيىلىكتىن چىكىندۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئاشكارلىدى ، ئۇلار مۇسۇلمانلار رەھبەرلىكىدىكى ھۈكۈمەتنى ئاغدۇرۇش سۈيقەستىدە بولغان بولۇپ ، بۇ تۈركىيە ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سۈيقەست پىلانلىغان ھەربىيلەرنى چەكلەش ۋە سۇيقەستلىك ھەركىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى قارارى ھىسابلىنىدۇ ؛

   بۇ قارارنى تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغاننىڭ باشقۇرىشىدىكى ئەڭ ئالىي ھەربىي كومىتىت چىقارغان بولۇپ ، تۈركىيەدىكى ھەربىي باش شىتاب باشقۇرۇشىدىكى تور بېكەت بۇ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان ؛

    ھەربىيلىكتىن چىكىندۈرۈلدىغان 40 نەپەر گېنېرال تېرورلۇق تەشكىلات بىلەن باغلىنىشى ۋە كۆرسەتمىلىك رولىنى ئوينىغان بولۇپ ، تۈركىيەنىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى ھۈكۈمەتنى ئاغدۇرۇشنى پىلانلىغان دەپ بۇ قارار چىقىرىلغان ؛

   ئانالىزچىلار مۇنداق دىدى : " تۈركىيەنىڭ زۇڭتۇڭى gul تۈنۈگۈن بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنىراللارنى ھەربىيلىكتىن چىكىندۈرۈش قارارىغا ئىمزا قويدى ؛ بۇ قارار 4 كۈندىن كىيىن ئەڭ يۇقىرى ھەربىي ئىشلار كومىتىتى يىغىن ئېچىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن رەسمىي تەستىقلىنىدۇ ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博