جۇڭگو ئاخبارات تورى 6- ئاۋغۇست چاۋشىيەن تىلىگراممىسى : ۋېيتنام دۆلەت رەئىسى جاڭپۇچۇاڭنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن ، چاۋشىيەن ئالىي خەلق كېڭىشى كومىتىتىنىڭ رەئىسى جىنيۇڭنەن 5- ئاۋغۇست ( ۋېيتنام شۇيەر ۋاقتى ) خانويغا يىتىپ كىلىپ ، ۋېيتنامدىكى دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى ؛
خەۋەردە يەنە ، چاۋشىيەنىنىڭ سودا ئىشلار ۋەزىرى ، سانائەتنى ئېچىش ۋەزىرى ۋە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى قاتارلىق ئەمەلدارمۇ رەئىس جىنيۇڭنەنگە ھەمرا بولۇپ بىللە زىيارەتكە كەلگەن ؛
ۋېيتنام دۆلەتلىك رەئىس ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ، ۋېيتنامنىڭ چاۋشىيەندە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ، چاۋشىيەننىڭ ۋېيتنامدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى قاتارلىق كىشىلەر ئايرودورومغا چىقىپ كۈتىۋالدى ؛