روسىيە جونۇبىدىكى بىر ئورمانلىقتا 248 بوۋاقنىڭ جەسىتى بايقالدى

9 2012-07-26 11:45:02   تېڭشۈن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    روسىيە ‹‹ كۈندىلىك گېزىتى››نىڭ24-ئىيۇلدىكى خەۋىرى: روسىيەنىڭ ئۇرالىس رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئورمانلىقتا 4چوڭ چېلەك بايقالغان بۇلۇپ  بۇ چېلەكلەرنىڭ ئىچىدىن 248 بوۋاقنىڭ جەسىتى بار ئىكەن  ،ساقچى تەرەپ بۇ بوۋاقلارنى دوختۇرخانا تاشلىۋەتكەن بۇلۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلاندى ھەم بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىنچىكە تەكشۈردىغانلىقىنى بىلدۈردى .
   ساقچىلارنىڭ نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈلۈشچە، بوۋاقلارنى سالغان چوڭ چېلەكتە  جەسەت ساقلايدىغان  فورمالدېگىد  بايقالغان ، چېلەك سىرتىغا بوۋاقلارنىڭ ئىسمى ۋە نومۇرى يېزىلغانىكەن  . ساقچىلار بۇ بوۋاقلارنى ئەتراپتىكى تۆت دوختۇرخانىدىن كەلگەن بۇلۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلاندى ، ھازىر بۇ  جەسەتلەرجەسەت قويۇش ئۆيىگە ئاپرىپ قويۇلدى .
   روسىيە سەھىيە ئىدارىسى بۇ دېلونى قاتتىق تەكشۈرۈش شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارنىمۇ  بىرىنى قويماي تەكشۈرۈش  توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى، ھەمدەئادەم قېلىپىدىن چىققان ياۋايىلىقنى ئادەم ئەخلاقىغا ئۇيغۇن بولمىغان بۇ خىل قىلمىشىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博