رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى تەستىقلىدى

0 2012-07-25 10:58:48   شىنجاڭ گېزىتى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بۈگۈن رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى فېدېراتسىيە قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويدى، بۇ رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي تەرتىپنى تاماملىغانلىقىدىن، ئاۋغۇستتا دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

رۇسىيە دۆلەت دۇماسى (پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسى) بىلەن فېدېراتسىيە كومىتېتى (پارلامىنتنىڭ يۇقىرى پالاتاسى) مۇشۇ ئاينىڭ 10 -  ۋە 18 -  كۈنلىرى رۇسىيەنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمىنى ماقۇللىغان.

دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، رۇسىيەنىڭ ئومۇمىي تاموژنا بېجى سەۋىيەسى ھازىرقىدىن تەخمىنەن 5.3 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىتىلىپ، تەخمىنەن %6كە چۈشۈرۈلىدۇ. قىسمەن تۇيغۇن تاۋارلارنىڭ قوغدىنىش مەزگىلى بەش يىلدىن يەتتە يىلغىچە بولىدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش كېلىشىمىدە، رۇسىيە مال سودىسى بازار ئىجازىتىگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ كېلىشىمىدىن 57نى ۋە مۇلازىمەت سودا بازىرى ئىجازىتىگە ئالاقىدار  ئىككى تەرەپ كېلىشىمىدىن 30نى ئىمزالىدى. رۇسىيەنىڭ قىسمەن تاۋارلارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ۋە بازارغا كىرىش ئىجازىتىدە ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن بەھرىمەن بولغاندىن باشقا دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىلىرىنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博