شېنخۇا گۇرۇھى رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆمۈر 2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى مەنجولى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئېلىمىزگە كىردى. ئىگىلىنىشىچە، شېنخۇا گۇرۇھى ئىمپورت قىلغان بۇ تۈركۈمدىكى كۆمۈرنىڭ مىقدارى 4 مىڭ توننىدىن كۆپرەك بولۇپ، 66 ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان. مۆلچەرلىنىشىچە، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە مەنجولى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان كۆمۈر 2 مىليون توننىغا يەتكەن.
2009 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدىن بۇيان، توشۇش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش سەۋەبىدىن، مەنجولى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق رۇسىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىش ئىشلىرى توختاپ قالغانىدى. 2010 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار كېلىشىمنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، رۇسىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىش ئىشلىرىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىندى. كېلىشىمگە ئاساسەن، كەلگۈسى 25 يىلنىڭ دەسلەپكى 5 يىلىدا جۇڭگو رۇسىيەدىن ئاز دېگەندە يىلىغا 15 مىليون توننا كۆمۈر ئىمپورت قىلىدىكەن، كېيىنكى 20 يىلدا بولسا ئىمپورت قىلىنغان كۆمۈر مىقدارى بولسا يىلىغا 20 مىليون توننىدىن كەم بولمايدىكەن. شېنخۇا گۇرۇھىنىڭ بۇ قېتىم رۇسىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشى مەنجولى چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىشلەنمىگەن تاش كۆمۈر ئىمپورت قىلىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىپلا قالماستىن، يەنە مەنجولىدىكى يەرلىك كۆمۈر ئىمپورت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدىكەن. مەنجولىدىكى خاۋتۇڭ ئېنېرگىيە شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، مەزكۇر شىركەتنىڭ كۆمۈر يۇيۇش زاۋۇتىنىڭ تۈر ئاساسىي قۇرۇلۇشى ئاللىقاچان تاماملانغان، كېيىنكى قەدەمدە ئاساسىي زاۋۇت بىناسىنىڭ پولات قۇرۇلمىسى قۇراشتۇرۇلىدىكەن.
نۆۋەتتە، شېنخۇا گۇرۇھى رۇسىيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىۋاتىدۇ. چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئىشلەنمىگەن تاش كۆمۈرنى ئىمپورت قىلىش ۋە كۆمۈر يۇيۇش تۈرلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى مەنجولىدىكى يەرلىك كارخانىلارنىڭ كۆمۈر ئىمپورت مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، يەنە مەنجولى شەھىرىدە يېڭى باج ئېشىش نۇقتىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ