18-ئىيۇل، قۇرۇلۇش ئۇستىسى BRT ئىككىنچى لېنىيەسى 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ياشلار يولى ياخشى يۇرت تاللا بازىرى بېكىتىدە كەپشەرلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، BRT ئىككىنچى لېنىيەسى 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى بېكەتلەرنى ياساش خىزمىتى جىددىي ئىشلىنىپ، مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە، BRT ئىككىنچى لېنىيەسى 2-قارارلىق قۇرۇلۇشىدىكى 10 بېكەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى كەپشەرلەش خىزمىتى تولۇق ئاخىرلىشىپ، ياشلار يولىدىكى ھەر قايسى بېكەتلەرنىڭ ئىسسىنىش، يورۇتۇش، ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئەسلىھەلىرى 8-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئورنىتىلىپ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتناش باشلاپ، كاتەكچىسىمان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشى ئېلىپ كەلگەن قاتناش بېسىمىنى يېنىكلىتىش پىلانلاندى. ئىگىلىنىشىچە، BRT ئىككىنچى لېنىيەسى 2-قارارلىق قۇرۇلۇش ئاساسلىقى ياشلار يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 3.6 كىلومېتىر، يېڭىدىن بەش بېكەت قۇرۇلغان، ئۇلار ئاممىۋىي سەنئەت يۇرتى (ياخشى يۇرت تاللا بازىرى)، بىڭتۈەن دوختۇرخانىسى، كۈن ئاي يۇلتۇز نۇرى ئولتۇراق رايونى، رېمونت زاۋۇتى، ھەسەن-ھۈسەن كۆۋرۈكىدىن ئىبارەت.