قۇرۇپ كەتكىنىگە ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان ئۈرۈمچى تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ باشلاندى

0 2012-07-18 11:03:34   جوڭگو رادىئو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      17-ئىيۇل، سۇ ئۈزۈلۈپ، قۇرۇپ كەتكىنىگە ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان ئۈرۈمچى تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ باشلاندى. شۇ كۈنى سائەت 10دا، ئۈرۈمچى ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ۋە خۇڭيەنچى سۇ ئامبىرى بىرلا ۋاقىتتا تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ قۇيۇپ بەردى. سۇ قۇيۇپ بېرىش ۋاقتى يەتتە كۈندىن 10 كۈنگىچە بولۇپ، ھەر كۈنلۈك قويۇپ بېرىلگەن سۇ مىقدارى 80 مىڭ كۇپ مېتىرغا يېتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئىككى يىلدىن بېرى، ئۆستەڭگە كېلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە قوشۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى كۈنسىرى ئېشىپ، ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ۋە خۇڭيەنچى سۇ ئامبىرىدىكى سۇ مىقدارى ئازلاپ كەتكەن ۋە شۇ سەۋەپلىك تىنچلىق ئۆستىڭىگە سۇ قۇيۇپ بېرىشكە ئامال بولمىغان. بۇ قېتىملىق سۇ قۇيۇپ بېرىشنىڭ تىنچلىق ئۆستىڭى سۈيىگە تايىنىپ دېھقانچىلىق قىلىدىغان، كۆكەرتىش بەلبىغىنى سۇغۇرىدىغان ھەمدە تېنچلىق ئۆستىڭى مەنزىرىسى مەسىلىسىنى قاتارلىقلارنى ھەل قىلىشقا بولغان رولى كۆرۈنەرلىك بولىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博