" پەپسى كېلېسىنىڭ ئېغىزىنى ياپىدىغان ياپقۇچىدىن ئۈلۈك قۇرۇت بايقالدى "
يېقىندا خۇبېي ياڭشىن شەھەردىكى يۈەن ئەپەندى مۇخبىرغا ،ئىچكەن پەپسى كېلېسىنىڭ قۇتا ئېغىزى ۋە قۇتاياپقۇچىدا نۇرغۇن كىچىك ئۈلۈك قۇرتنىڭ بارلىقىنى ، بىر قانچە قۇتا ئىچىملىكتىن مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكىنى غەزەپ بىلەن ئىنكاس قىلدى ؛
يۈەن ئەپەندى ، ياڭشىن ناھىيسى شىڭگو بازىرى مەركىزى مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى بىر ماگزىندىن بىر پوتۇلكا پەپسى كېلىسى ئېلىپ ئىچكەن ؛ ئۇ بىر قانچە يۇتۇم ئىچىپ بولۇپ ، قۇتا ياپقۇچىدىكى بىر قانچە قارا نەرسىگە كۆزى چۈشۈپ قارىسا ، ئۇ قارا نەرسىلەر دەل ئۈلۈپ قالغان قۇرۇتلار بولۇپ ، يۈەن ئەپەندىم قورقۇپ كەتكەن ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قانچە بوتۇلكا پەپسى كېلېسىنى ئېلىپ ئېچىپ باقسا ، ئۇلاردىمۇ ئوخشاشلا ئۈلۈك قۇرۇتنى كۆرگەن ؛ شۇنىڭ بىلەن يۈەن ئەپەندى بۇ ئىشنى مۇخبىرلارغا ئىنكاس قىلغان ؛
كىيىنكى كۈنى ، يۈەن ئەپەندى پەپسى كېلېسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلاشقان ، ئۇلار دەسلەپ ئىشەنمەي بىر قانچە پوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ كۆرۈپ ئاندىن ئىشەنگەن ، بىراق يۈەن ئەپەندىمگە باشقا قۇرۇت چىقمايدىغان كېلېغا ئالماشتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى بۇ ئىشنى يەنە داۋراڭ سالماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ؛ بىراق يۈەن ئەپەندى ئۇلارنىڭ بۇ گىپىگە قارىتا بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە تەكشۈرىدىغانلىقىنى ، پەپسى كېلې شىركىتىنىڭ بۇ ئىشقا قارىتا جاۋاپ بىرىشىنى تەلەپ قىلغان ؛ پەپسى كېلېسى شىركىتىنىڭ مەسئول خادىملىرى بۇ ئشىقا قارىتا ، ئىسسىق ھاۋادا ئۇزۇن مەزگىل قۇيۇپ قويغانلىقتىن ، قۇرت پەيدا بولغان دەپ تۇرىۋالغان ؛
بۇ ئىشقا قارىتا ياڭشىن ناھىيلىك سودا - سانائەتنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈشكە باشلىدى ؛
نەچچە سىكۇنت ئىچىدىلا يانفون ياكى ماشىنىلارغا توك قاچىلاپ ب...
يېڭىدىن سايلانغان<<چولپان ئەزالار>>مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى ت...
نەچچە يۈز مىليۇن قىپيالىڭاچ ھىندى مۇرتلىرى گانگا دەرياسىدا ...
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى ئ...
رىم جۇڭگولۇقلار مەھەلىسىدىكى پۇل توشۇش ماشىنىسى بۇلاڭچىلار...