13 ياشلىق ئوغۇل بالا ساۋاقدىشى ئۈچۈن ئۆز بەدىنى بىلەن ئوقنى توسۇۋالغان

0 2012-07-18 10:45:35   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

ئوقنى توسۇۋالغان لونى

دەننى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئەھۋالنى ئىيتىپ بەرمەكتە

   چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامرىكا چىكاكو شەھىرىدىكى 13 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا زوراۋانلىق ئىتىشىش ۋەقەسى ئالدىدا قىلچە ھۇقۇقماستىن، ساۋاقدىشىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئالدىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆز بەدىنى ئارقىلىق ساۋاقدىشىنى دالدىغا ئىلىپ ئالتە پاي ئوقنى توسۇپ قالغان، بەخىتكە يارىشا ئىغىر يارىلانمىغان.

   خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ ۋاقىتتا بۇ ئوغۇل بالا يەنى لونى.مىڭسون (Rony Monzon) ساۋاقدىشى بىلەن باغچا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، ئويلىمىغان يەردىن ئىككى قۇراللىق شايكىسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. زوراۋانلىق ئىتىشىش ۋەقەسى ئالدىدا، لونى كەينىگە چىكىنمەستىن بەلكى ئەكسىچە ساۋاقتىشى دەننىنىڭ ئالدىنى تورىۋالغان، ئۇنىڭ بىلەك، يۈز، كۆكرەك، ئالقىنى قاتارلىق ئەزالىرى يارىلانغان بولۇپ، جەمئىي ئالتە پاي ئوق تەگكەن.

   ئىتىشىش يۈز بەرگەندىن كىيىن، لونىنىڭ پۈتۈن بەدىنى قان بولۇپ كەتكەن. دەننى تىزدىن تىلفۇن قىلىپ ساقچىغا مەلۇق قىلغان، ھەمدە قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىپ كەلگەن، بەخىتكە يارىشا، ئوق تەگكەن ئورۇنلار بەك ئىغىر يارىلانمىغان، دوختۇر ئاللىبۇرۇن لونىنىڭ بەدىنىدىكى ئوقلارنى چىقىرىۋەتكەن. نۆۋەتتە، لونىنىڭ ئەھۋالى ئەسلىگە قايتقان بولۇپ، ئولتۇرالايدىغان ھالەتكە كەلگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博