يالغان تامغا بىلەن170000يۈەن پۇلنى ئالداپ ئېلىپ 4يىل ئايالىنى داۋالاتقان ئەر سوتقا تارتىلدى

11002012-07-17 10:24:41   خەلىقئارا تور لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 

شۇنداق بىر ئەر باركى ئۇ جازالىنىشتىن قورىقماي ئايالىنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن يالغاندىن دوختۇرخانىنىڭ تامغىسىنى ياساپ 4يىل ئايالىنى بىكارغا داۋالىتىپ دوختۇرخانىنىڭ 170000يۈەن پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان،بۇ خەۋەر توردا تارقالغاندىن كىيىن تورداشلار بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن ،ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە سادىقلىقىدىن ناھايىتتى تەسىرلەندى،بۇ دەل كۈيۈمچان ئەر لىياۋدەن بۇلىدۇ.

تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن لياۋدەن دوختۇرخانىدا  ئايالىغا خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا مىھىر-شەپقەتلىك كىشىلەر ئىئانە قىلغان 35000يۈەن پۇلنى تاپشۇرۋالدى ۋە ئۆز قۇلى بىلەن سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ دوختۇرخانىغا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلدىن ئازراق بولسىمۇ قايتۇرىدى،سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا بۇ پۇلنى قايتۇرغانلىق توغۇرلۇق ئىسپات چىقىرىپ بەردى،شۇنىڭدىن كىيىن ئىلگىرى شىياۋيىيىغا 2000000يۈەن ئىئانە قىلغان،جۇخەي سىياسى كومىتىتىنىڭ ئەزالىرى ئۇنىڭغا ئىئانە قىلغان 170000يۈەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدى،ۋە ئۇنىڭ بالدۇرراق بۇينىدىكى قەرىزنى تۈلەپ جازاسىنى يىنىكلىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە نۇرغۇنلىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ئۇلارغا ياردەم قۇلىنى سۇنىۋاتقان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولدى.

سوت مەھكىمىسى ئۇنڭغا چىقىرىپ بەرگەن قەرىز تۆلىگەنلىك ئىسپاتى