رۇسىيەدە ئىسپىرت مىقدارىنى يىراقتىن ئۆلچەش ئەسۋابى ياسالدى

0 2012-07-17 11:38:29   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      رۇسىيەدىكى <سودىگەرلەر گېزىتى> يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەنىدى: رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گراسموۋ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېڭى تىپتىكى ‹غۇنچە› ناملىق لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىسپىرت مىقدارىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى ياسىدى، ھازىر بۇ ئەسۋاب كۆپ خىل تەكشۈرۈشلەردىن لاياقەتلىك ئۆتتى، قاتناش ساقچىلىرى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بۇ ئەسۋابنى ئىشلىتەلەيدۇ>.
      خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇلتۇر سان - پېتىربۇرگدىكى ‹لازېر نۇر سىستېمىسى› شىركىتى بىلەن بۇ خىل ئەسۋابنى تەتقىق قىلىپ ياساش كېلىشىمىنى ئىمزالىغان بولۇپ، كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 24 مىليون 600 مىڭ رۇبلى بولغانىدى. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇ خىل تىپتىكى لازېر نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىسپىرت مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ بىرى 300 رۇبلىغا پۈتىدىكەن.
      مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: ‹بۇ ئەسۋابنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئاپتوموبىللارغا لازىر نۇرى چۈشۈرۈش ئارقىلىق كابىنكا ئىچىدىكى ھاۋانى تەكشۈرۈش، ناۋادا كابىنكىدىكى ھاۋا تەركىبىدە ئىسپىرت مىقدارى مىليوندىن بىرگە يەتسە، تەكشۈرۈش ئەسۋابى دەرھال سىگنال بېرىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئەسۋابى 25 مېتىر يىراقلىقتىن سائىتىگە 150 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنى0.1 سېكۇنت ئىچىدە تەكشۈرۈپ تاماملايدۇ، بۇ كەشپىيات قاتناش ساقچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمايدىغان شوپۇرلارغا تاقابىل تۇرىدىغان ھەقىقىي ئۈنۈملۈك قورالى بولۇپ، قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ھاراق ئىچىۋېلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەيدىغان شوپۇرلارغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ›.
      رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بوشلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسى لوركىن مۇنداق دېدى: <بۇ ئەسۋابنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى، بىراق باھاسى بەك قىممەت بولغاچقا، كەلگۈسىدە ئۇنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ئاسانلىقچە ئىشقا ئاشمايدۇ>. موسكۋا شوپۇرلارنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى تىراۋى مۇنداق دېدى: ‹بۇ خىل لازېر نۇرلۇق ئىسپرت مىقدارىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئىشلەتكەندە يەنە يېڭى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ، يەنى ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان يولۇچى ھاراق ئىچسىمۇ، بۇ ئەسۋاب ئوخشاشلا سىگنال بېرىدۇ، قاتناش ساقچىسى شۇ سەۋەبتىن شوپۇرنىڭ جىسمانىي ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلماق ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ›.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博