10 ئايلىق بالىسىنى تاشيولغا قۇيۇپ قويغان رەزىل ئانا جاجىسىنى يىدى

0 2012-07-13 11:27:43   خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      روسىيە ر ت تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10- ئىيول خەۋىرىدە ، روسىيە 24 ياشلىق Elena Osina ئىسىملىك ئايال ۋە ئۇنىڭ 21 ياشلىق ئالىكساندىر ئىسىملىك ئىنىسى بىلەن كەچتە روما ئىسىملىك 10 ئايلىق بولغان بالىسىنى روسىيەدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قويۇپ قۇيۇپ ، بالىسىنى ئاپتوموبىل سوقۇپ ئۆلتۈرۋېتىشىنى ئۈمۈد قىلغان ؛ ھازىر بۇ ئىككەيلەن قانۇن تورىغا چۈشتى ؛ بالىنىڭ ئانىسىغا بالىسنى قەستەن ئۆلتۈرمەكچى بولغان دىگەن جىنايەت بىلەن 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ، ئىنىسى ئالىكساندىر ئاچىسىغا ياردەملىشىپ قەستەن رومانى ئۆلتۈرۈش جىنايىتىگە ياردەملەشكەن جىنايىتى ئۈچۈن 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان ؛

    ئېلىنا بۇ جازا بېكىتىلگەندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى  ، ئەمما تۇرمۇشى نامرات بولغاچقا بالىنى بېقىشقا قۇربىتى يەتمەي ، مۇشۇنداق " رەزىل " چارىنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博