ئامېرىكىلىق ئايال ئۆزىنىڭ روھىغا 2000 دوللار باھا قويۇپ ساتماقچى بولدى

0 2012-07-12 10:36:12   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

     جۇڭگو ئاخبارات تورى 9- ئىيول تېلگراممىسى . تەيۋەن " بۈگۈنكى ئاخبارات " خەۋىردە ، ئامېرىكىلىق بىر ئايال ئۆزىنىڭ " روھى " نى كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى بولغان .

   ئامېرىكا يېڭى مىكسىكا ئىشتاتىدىكى لاۋرا ئىسىملىك ئايال قاتناش ھادىسىگە ئۇچرىغاندىن كىيىن ، نورمال خىزمەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان ؛ شۇڭا ئۇ تورغا ئۆزىنىڭ روھىنى 2000 دوللار باھا قۇيۇپ كىم ئارتۇق قىلىپ ساتماقچى ئىكەنلىكىنى تېخى " ئازراق ئىشلىتىپ قويغان " دەپ ئەسكەرتىپ قويغان ؛ بۇ بىمەنە خەۋەر تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان ؛

   خەۋەردە يەنە ، لاۋرانىڭ 2007- يىلى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ھادىسىگە ئۇچراپ مۈرىسى ، داس سۈڭىكى ، پۇتى ، كۆكرەك سۈڭىكى قاتارلىق قسىملىرى يارلانغان بولۇپ ، بىمالال ماڭالمايتتى ؛ ئۇ يەنە شامالداراپ قالغان ، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولغان ، بۇ كىسەل بىلەن ئۇنىڭ بىر كۆكسىنى كىسىۋەتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ساق يېرى قالمىغان ؛ ئۇ شۇڭا ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك ، تورغا قارا خەت قىلىپ " روھ " كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدۇ دەپ يوغان قىلىپ يېزىپ چىقارغان ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博