ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا بېيجىڭدا تۇنجى ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزدى

0 2012-07-11 12:01:17   جۇڭگو رادىيو تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      7-ئىيۇل كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7:30 دا، ياش ناخشىچى ئەركىن ئابدۇللا بېيجىڭنىڭ باۋلى تىياتىرخانىسىدا ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزدى. ئۇ بۇ قېتىمقى سەنئەت كېچىلىكىدە ئۆزىنىڭ مىللىي مۇزىكا ئاساسىدا ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، گىتار بىلەن ئورۇنلىغان ئېسىل كۈيلىرىنى بېيجىڭدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىگە تەغدىم ئەتتى. ئۇنىڭ بۇ مۇزىكىلىرىدا مىللىي مۇزىكىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بولغاندىن سىرت دۇنيا مۇزىكىلىرىنىڭمۇ ئالاھىدىلىكلىرى روشەن گەۋدىلەنگەن. بۇ قېتىمقى كېچىلىكىنىڭ باش تېمىسى «شەھەر كېچىسى» بولۇپ، كېچىلىكتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىجادىي ناخشىلىرى تاماشىبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدىكى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا- مۇزىكىسىغا تۈپتۇن ئوخشىمايدىغان روشەن دۇنياۋىيلىققا ئىگە مۇزىكىلىرى تاماشىبىلارنىڭ قىزغىن ئالىقىشىغا ئېرىشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博