ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشى بىلەن «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئۇنۋان سىياسىتىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)» رەسمىي يولغا قويۇلغان. بۇ ئاپتونوم رايوننىڭ كەسپىي ئۇنۋان جەھەتتىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تيەن ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ كەسپىي ئۇنۋان تۈزۈمى رامكا سىستېمىسى دائىرىسىدە ھازىرقى كەسپىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەسپىي سەۋىيەسى، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە نەتىجە - تۆھپىسىنى كەسپىي ئۇنۋان باھالاشتا يادرولۇق ئامىل قىلدى، »ئوقۇش تارىخىغىلا ئېسىلىۋالماسلىق، خىزمەت ئىستاژىغىلا ئېسىلىۋالماسلىق، كەسپىي ئۇنۋانىغىلا ئېسىلىۋالماسلىق، سالاھىيىتىگىلا ئېسىلىۋالماسلىق« دىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلارنى تاللاشتا بىرلا خىل ئۇسۇل بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق تەلىپى بويىچە، كەسپىي ئۇنۋان باھالاشتا ئوقۇش تارىخى، خىزمەت ئىستاژى، ئىلمىي ماقالىسى، چەت ئەل تىلى سەۋىيەسىنى زىيادە تەكىتلەش خاھىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئەمەلىي ئىقتىدارى ۋە نەتىجە - تۆھپىسىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغايدۇ.
بۇ قېتىمقى كەسپىي ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاساسىي قاتلام، بىرىنچى سەپكە مايىللىشىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ كەسپىي ئۇنۋانىنى باھالاشتا ئىلمىي ماقالىسى قاتتىق شەرت قىلىنمايدىغان بولدى؛ ئالاھىدە ئىختىساسلىقلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانىنى بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلىشقا بولىدۇ؛ چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىمتىھانىدا «بىر تاياقتا ھەيدەش» تۈگىتىلىدۇ؛ كەسپىي ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئۇسۇل - چارىسىدە يېڭىلىق يارىتىلدى؛ كەسپىي ئۇنۋان باھالاش دائىرىسى كېڭەيتىلدى.
ئۇقۇشىمىزچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىنى دەرھال باشلاش ئۈچۈن ھازىرقى 30 سىستېمىدىكى 64 كەسپىي ئۇنۋان باھالاشنىڭ ئۆلچەملىك شەرتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىپ بولغان؛ ئاساسىي قاتلامدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلغان 584 كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي ئۇنۋانىنى بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلغان؛ 300 دېھقان - چارۋىچىنىڭ ئالىي تېخنىكلىق ئۇنۋانىنى بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلغان.
فىللىپىن -ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈز...
سۇرىيەدىكى بالا ئەسكەر جەڭدە قازا قىلغان دوستىغا قاراپ يىغل...
ئارگىنتىنانىڭ زۇڭتۇڭى بۇۋاق ئوغۇرلاش دېلوسىغا چېتىشلىق بۇل...
ئىران زور دەرىجىدىكى پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشسىزلىق پاتقىقىغا پ...
كانادادىن تېپىلغان ئادەم بېشى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى لىنجۈنىڭ ب...
ئىسپانىيە پادىشاھى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىن...