ئۇنىۋېرسال ئاخبارات ۋاسىتىلىرى دوكلاتى،ئىراندىكى زور دەرىجىدىكى ئىشسىزلىق ۋە پۇل پاخاللىقى تۈپەيلى ئىران خەلق تۇرمۇشتا زور دەرىجىدىكى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان،ھەمدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىدىن ۋاز كەچكەن،شۇنىڭ بىلەن تەڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نېفىتكە بولغان جازاسى باشلىنىدىغان بولۇپ،بۇ بولسا ئىران ئىقتىسادىغا نىسبەتەن بىر قەدەر زور دەرىجىدىكى خىرىس ئىكەن،بۇنىڭ بىلەن تەڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى زور دەرىجىدە چېكىنىپ كەتكەن.ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىراقلا ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشىنى توختىتىشى بىلەن،مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە،خەلقئارانىڭ جازاسى ۋە ئىران ھۆكۈمىتىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ قىيىنلاشقان،نۇرغۇن كىشىلەر ھەتتا ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتۋالالمىغان.غەرب ئەللىرىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە جازاسىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئىران ئىقتىسادى نۆۋەتتە ئاستا-ئاستا يىمىرىلىشكە باشلىغان،ۋە ئىران خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى باي-باياشات تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزەلمىگەن.يەنى ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەت نىجادنىڭ 2010-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ يېمەكلىك تولۇقلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرى ئاستىدا،ئىران ھازىر ناھايىتى ئېغىر بولغان پۇل پاخاللىق ئەھۋالىغا دۇچ كەلگەن،ۋە نۆۋەتتە نۇرغۇن ئوتتۇرا سەۋىيىلىك ئائىلىلەر توخۇ گۆشى،كالا گۆشى،مېۋە-چېۋە ۋە قەنت-گېزەك قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋالالمىغان.
جازالاش چارىسى تەسىرىدىن،ئىران زاۋۇتلىرى دۆلەت سىرتىدىن مۇھىم بولغان ماتېرىياللار بىلەن ئەسلىھەلەرنى ئەكىرەلمەي قالغان،ۋە بارلىق خىزمەتچىلەر ئىشسىز قالغان.رەسمىي بولمىغان ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،ئىران سانائەت مەركىزىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاللىقاچان %35 گە يەتكەن.ئىراننىڭ شىمالى قىسمىدىكى بىر شامال توسايدىغان ئەينەك ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش چارىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن،ئامالسىز 500 خىزمەتچىنى خىزمەتتىن بوشاتقان.يەنە ئىراندىكى ئەڭ چوڭ بالون ياساش كارخانىسى خام ماتېرىيالنىڭ كەمچىل بولۇشى سەۋەبلىك 800 خىزمەتچىنى خىزمەتتىن بوشاتقان.ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن باشلاپ،ئىران خەلقئارا بانكا سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلانغاندىن كېيىن،مەزكۇر دۆلەتتىكى ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ ماڭغان.ھەمدە بۇ خىل مەسىلە يەنە دورا ياساش سانائىتىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.ئىراندىكى بىر دورا ياساش زاۋۇتى ئامالسىزلىقتىن 220 خىزمەتچىنى خىزمەتتىن بوشاتقان،يەنى مەزكۇر زاۋۇت گېرمانىيە،ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن خام ماتېرىيال كىرگۈزەلمىگەن.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ شىركەت نۆۋەتتە دۆلەت سىرتىدا بىر بانكا نومۇرى ئالغان بولۇپ،بۇ شىركەت بۇ ئارقىلىق پېرېۋوت قىيىنچىلىق مەسىلىسىدىن قۇتۇلغان.ئىراندىكى توخۇ گۆشىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەتتىكى كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ قانچىلىك قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن:ئىككى ھەپتىنىڭ ئىچىدە،بىر كىلو توخۇنىڭ باھاسى 2.37 فونىستىرلىڭدىن (23.5 يۈەن خەلق پۇلى) 3.84 فونىستىرلىڭغا ئۆرلەپ كەتكەن (تەخمىنەن 38.2 يۈەن خەلق پۇلى).ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،بۇ خىل چىقىم ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن،بىر قىسىم رېستورانلار قورۇما تىزىملىكىدىن توخۇ گۆشىنى چىقىرىۋەتكەن.
ئىران زور دەرىجىدىكى پۇل پاخاللىقى ۋە ئىشسىزلىق پاتقىقىغا پ...
كانادادىن تېپىلغان ئادەم بېشى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى لىنجۈنىڭ ب...
ئىسپانىيە پادىشاھى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىن...
ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دۇن...
‹‹ ئالما ›› شىركىتى بىلەن ۋېيگۈەننىڭ iPad نىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى ت...
ئىئانە قىلىنغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇملار ئاپەت رايونىغا يەتكۈ...
جۇڭگو-ھىندونېزىيە ئالاھىدە قىسمىنىڭ تېرورلۇققا قارشى بىرلە...