‹‹ ئالما ›› شىركىتى بىلەن ۋېيگۈەننىڭ iPad نىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى توغرىسىدىكى تالاش - تارتىشى مۇرەسسە يولى بىلەن ئاياغلاشتى

02012-07-06 11:08:27   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 2-ئىيۇل گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ‹‹ ئالما ›› شىركىتى بىلەن ۋېيگۈەننىڭ iPad نىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى توغرىسىدا نارازىلىق ئەرز بېرىلگەن دېلو مۇرەسسە يولى بىلەن ئاياغلاشقان بولۇپ،  ‹‹ ئالما ›› شىركىتى شېنجېن ۋېيگۈەنگە 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بەرگەن. شېنجېن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى دۆلەت سودا -سانائەت باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىغا،iPadماركىسىنى ‹‹ ئالما ›› شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى كېسىمنامە ۋە ئىجرا قىلىشقا ھەمكارلىشىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بەرگەن.