خېنەن ئۆلكىسى نىڭلىڭ ناھىيسى ليۇۋ يېزىسى ۋۇچۇدۇن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دېھقان جېڭچۈەنيىڭغا نىسبەتەن بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى ئۇنىڭ بەخىتلىك ئائىلىسىنى كۈيۈپ كۈل قىلىۋەتتى ؛ بۇ ئائىلىنىڭ كۈيۈپ كۈلگە ئايلىنىشىدىكى سەۋەب بىر تۇڭ بىنزىن بولۇپ قالدى ؛
6- ئاينىڭ 25- كۈنى كەچ سائەت 9 دىن ئاشقاندا ، ئۇنىڭ كىچىك قىزى ئىھتىياتسىزلىقتىن بىر سۇلياۋ تۇڭ بىزىننى تۈكۈپ قۇيىدۇ ، بىزىن پۇرىقىدا ئۇنىڭ قىزى بىلەن ئايالى زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى ؛ ئۇنىڭ ئايالى زەھەرلىنىش ئېغىر بولغاچقا قازا قىلدى ؛ قىزى جىددى قۇتقۇزۇشتا ياتقان ۋاقىتتا جېڭچۈەنيى ئوغلىنى ئۆيگە بېرىپ پۇل ئېلىپ كىلىشكە بويرىغان ، شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئوغلى ئۆيگە كىرىپ قاراڭغۇدا چىراق تاپالماي چاقماق بىلەن يۇرۇتماقچى بولغاندا تۇيۇقسىز پارتىلاپ ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى % 63 كۈيۈپ كەتكەن ؛ خوشنىسىنىڭ ئوغلى بۇ بالىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كىرگەندە ئۇ بالىمۇ كۈيۈپ كۈل بولغان ؛
4 ياشلىق قىزى جىددى قۇتقۇزۇش ئۈيىدە ، ئوغلى ئېغىر كۈيۈك ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ % 63 كۈيۈپ يارىسىنى داۋالاش ئۈچۈن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كىتىدۇ ؛ بۇ ئىككى بالا ھەر قاچان ئۈلۈم خەۋىپى ئالدىدا بولۇپ ، ئۆيدىكى 185 مىڭ 500 يۈەن نەق پۇلمۇ كۈيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىدى ؛ بۇ ئائىلىگە كەلگەن بۇ بالا- قازادىن ئىچىڭىز ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ ؛