بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ئېلان قىلىندى

0 2012-06-29 12:35:16   شىنجاڭ گېزىتى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 27 -  ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىنى ئېلان قىلدى.

ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 154 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 6900 ئوقۇغۇچى كۆپەيگەن. ئومۇمىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ يىل ماتېماتىكا ئىمتىھان سوئالىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلارنىڭ نەتىجىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن بولغان، ئاپتونوم رايون ئىچى  -  سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئاشقان، بۇ يىل ھەر قايسى تۈركۈملەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى بۇلتۇرقىدىن ئوخشاشمىغان سەۋىيەدە تۆۋەنلىتىلگەن.

بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3 - ئىيۇلدىن باشلىنىپ، ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرى ئاياغلىشىدۇ، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئون تۈركۈم بويىچە ئىشلىنىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە:

ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 415 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 30 ) ، تولۇق كۇرس 2 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى  385 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 29 )، تولۇق كۇرس 3 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 28) ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 338 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 34)، تولۇق كۇرس 2 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى  303 (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 33)، تولۇق كۇرس 3 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 31).

ئاز سانلىق مىللەت تىلى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىچە)دا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇرچېكى تۆۋەندىكىچە: ئىجىتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 275 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى، ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 24)، مەخسۇس كۇرس 2 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 23 ) ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 234 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى، ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى 24 ) ، مەخسۇس كۇرس 2 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ (ماتېماتىكا ئىمتىھان نەتىجىسى23).

خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلارنىڭ ئارخىپىنى چىقىرىشتىكى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 411، تولۇق كۇرس 2 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 348، تولۇق كۇرس 3 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە تولۇق كۇرس 1 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 401، تولۇق كۇرس 2 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 370، تولۇق كۇرس 3 -  تۈركۈمگە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ؛ ئىجتىمائىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 - ، 2  -  تۈركۈملەرگە ۋە تەبىئىي پەن تۈرى بويىچە مەخسۇس كۇرس 1 - ، 2 -  تۈركۈملەرگە قوبۇل قىلىشتىكى نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ.

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: تولۇق كۇرس 1 - ، 2 -  تۈركۈملەرگە قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 80، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 175؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 78، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 150. خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى تۆۋەندىكىچە: تولۇق كۇرس 1 - ، 2 -  تۈركۈملەرگە قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 118 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى)؛ مەخسۇس كۇرسقا قوبۇل قىلىشتا كەسپىي ماھارەت نومۇر چېكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مۇۋاپىق كونترول قىلىنىدۇ، مەدەنىيەت پەنلىرى ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكى 98 (پايدىلىنىش نومۇر چېكى). خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغانلار خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئاساسىدا قوبۇل قىلىنىدۇ.

ئىگىلىشىمچە، بۇ يىلمۇ توردا كۆپ قېتىم ئارزۇ تولدۇرۇش شەكلى قوللىنىلىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى جەريانىدا، شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى( www.xjzs.edu.cn )دا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئېلان قىلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى (www.xjzs.gov.cn) ۋە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى قاتارلىقلاردىن قوبۇل قىلىنىش ئۇچۇرىنى كۆرسە بولىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا، ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق (شەھەر) لىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ياكى ئالاقىدار مەكتەپلەرنىڭ كۈتۈۋېلىش پونكىتلىرىدىن سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر