ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەدى نىجاد بىرازىلىيەدە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى

0 2012-06-29 11:19:05   خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     ئەنگلىيە كۈندىلىك تىلىگراف خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 27- كۈنى خەۋىرىدە ، ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەدى .نىجاد بىرازىلىيەدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سىجىل تەرەققىيات يىغىنى مەزگىلىدە ، ئىران خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى ؛

     نىجاد بىرازىلىيە رىئودېژانىرو خەلقئارالىق ئايرودورومغا كەلگەندە ، بىرازىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقمىغانلىقىدىن خاپا بولۇپ قالغان ؛ ئۇ پەقەت ئۆزىدىن بۇرۇن بىرازىلىيەگە بارغان ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى Mohammad Javad Mohammadi-Zadeh لا زۇڭتۇڭ ئەخمەدى . نىجادنىڭ ئالدىغا چىققان ؛ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى Dilma Rousseff ئىران زۇڭتۇڭى ئەخمەدى . نىجادنى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ؛

     ئەخمەدى . نىجاد يەنە رىئودى ژانېيرو شەھەر باشلىقى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ، نىجاد بۇ شەھەر باشلىقىنىڭ سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلىمەن دەپ ئويلىغان ،بىراق ئىرىشكىنى سوغۇق مۇئامىلە بولۇپ قالدى خالاس . ئىران خەلقنىڭ ئەڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىش ، بىرازىلىيە دۆلىتىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچىرغان ئەخمىدى . نىجاد رىئودى ژانېيرودا پاكار بويى بىلەن بىرازىلىيە ھۈكۈمىتىنىڭ قۇراللانغان ئالاھىدە قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدە بىچارىلەرچە چۈشكەن سۈرىتى بولدى .

     ئىراندىكى بىر ئۆزىنى ئاشكارلىمىغان رەھبەرى بۇ ئىشقا قارىتا " زۇڭتۇڭ نىجاد ئايرودۇرۇمدىلا بىرازىلىيە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قىلغان سۇغۇق مۇئامىلىسىدىن قايتىپ كەتسە ياخشى بولاتتى" دىدى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博