ھېىندىستانلىق بىرنجى دەرىجىلىك ئارتىس ۋە دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيانىڭ تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن سەمرىپ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كىلەلمىگەنلىكىدىن نۇرغۇنلىغان نارازىلىقلار كىلىپ چىقتى ،ئۇ ئەسلى ھېندىستانلىقلارنىڭ دۆلەت ئوبراز ۋەكىلى ،دۇنيا گۈزىلى ئىدى بىراق 2011-يىلى 11-ئايدا تۇغۇپ قوپقاندىن كىيىن بىردىنلا سەمرىپ كەتتى ،بەزىلەر ئۇنى دۆلەتكە خائىنلىق قىلدى دەپ قارىدى ،بەزىلەر ئۇ دىگەن ۋوللىۋودتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئارتىس،دۇنيا گۈزىلى ئۇنىڭ بەدەن گۈزەللىكىنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارىدى،ئىش قىلىپ ئۇنىڭدىن نارازى بولغانلار ئاز ئەمەس،لىكىن يېقىندا بەزى تورداشلار ئۇنى قوللاپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى ۋە ئۇنى ھەققى بىر ئانا ياخشى ئايال دەپ قاردى،چۈنكى بۇ يىل 38ياشقا كىرگەن ئاشۋارىيا ئۆزىنىڭ بۇنداق سەمرىپ كەتكەنلىكىدىن خاپا بولغانلارغا :مەنمۇ بىر ئايال مىنىڭمۇ بالا تۇغۇپ ئانلىق مىھرىمنى بالامغا بەرگۈم ۋە ئانا بۇلۇشتەك بەخىتتىن بەھرىمان بۇلۇش ھۇقۇقۇم بار،گۈزەللىكىمنى ساقلايمەن دەپ ئانا بۇلۇش ھۇقۇقۇمدىن ۋاز كەچمەيمەن دېدى.بۇرۇن ھىندىستاندا سىمىزلىك گۈزەللىك دەپ قارىلاتتى بىراق ھازىر ئۇندا ئەمەس.بۇ قېتىم ئاشۋارىيانىڭ بۇنداق كۆپ زەربىگە ئۇچراپ كىتىشىدىكى سەۋەپ ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۇنى بارلىق چولپانلاردىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇپ كەلگەنلىكتىن ئۇلارنىڭ دەماللىققا بۇ رىئاللىقىنى قۇبۇل قىلالمىغانلىقدىن كىلىپ چىققان.