چەت ئەلدىكى ئاياللارنى ئەرلەرنىڭ بەتقىلىقىدىن ساقلايدىغان دانا تەدبىرلەر

02012-06-28 11:18:34   خەلقئارا ئاخبارات لىنيىسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    يېقىندا شاڭخەي شەھىرى ئاياللارنىڭ ياز پەسلى بەك ئۇچۇق كىيىم كىيمەسلىكى توغرىسىدا ئوقتۇرۇش چىقاردى ؛ بۇ ئۇقتۇرۇش بىكاردىن چىققان ئەمەس ، چۈنكى ياز پەسلىنىڭ كىلىشىگە ئەگىشىپ بەزى قىزلار بەك ئۇچۇق كىينگەچكە ، ئاپتوبوس ۋە يەر ئاستى پويىزلاردا ئەرلەرنىڭ بەتقىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئىشلار كۆپىيىپ قالدى ؛ شۇڭا شاڭخەي شەھەرلىك ھۈكۈمەت ئەرلەرنىڭ ئاممىۋى سورۇندىكى بەتقىلىقىنى ئازايتىش ھەمدە جامائەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن ، مەخسوس بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقارغان ؛ لېكىن بۇ ئوقتۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ ۋە ياكى قۇرۇق شوئار بولۇپ قالمامدۇ بۇنىڭدىن كىيىنكى قىزلارنىڭ كىيىنىشىگە قاراپ باقايلى ؛

    چەت ئەللەردە ئاياللارنى ئاممىۋى سورۇندا ئەرلەرنىڭ بەتقىلىقىدىن ساقلاش ئۈچۈن يەر ئاستى پويىزغا ئاياللار مەخسوس چۈشۈدىغان ۋاگون ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، بۇنىڭ مىسالى ياپونىيە يەر ئاستى پويىزى بىلەن رىئودې ژانېرودىكى يەر ئاستى پويىز مىسال بولالايدۇ ؛