كۆك رەڭلىك ئەتلەس رەخىتنىڭ سەھنە ئوتتۇرسىدا لەپىلدىشىگە ئەگىشىپ بىر نازۇك چاققان قىز ئەتلەسلەر ئارىسىدا ئۇسۇل ئويناشقا باشلىدى،بىردەم يىنىك پىقىرىسا بىردەم ئەتلەسكە ئېسىلىپ ھەرخىل ھەركەتلىرى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى،بۇ دەل سېرىك "سالام نەسىردىن ئەپەندى"نىڭ بىر بۈلىكى ،بايىنىياقى ئۇيۇن كۆرسەتكىنى شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى دىلرابا بۇ قېتىم ئۇ رەخىتىكە ئېسىلىپ ئۇيۇن كۆرسۈتۈش، ئارغامچا ماھارىتى قاتارلىق نۇمۇرلارنى كۆرسىتىدۇ،ئۇ مۇنداق دېدى:سېرىك ماھارىتى سىزدىن سېرىك ھۈنىرى تەلەپ قىلىپلا قالماستىن ئۇ يەنە سىزدىن ئۇسۇل ئويناش،نۇمۇر كۆرسىتىش،مۇزىكىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش قاتارلىق ھەرخىل ماھارەتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ،قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتتى يۇقىرى .دىلرابانىڭ ھازىر 20يىللىق سېرىك ئۇيۇن كۆرسىتىش تارىخى بار1992-يىلى شىنجاڭ سېرىك ئۆمىكىگە كىرگەندىن تارىتپ مۇئەللىمىنىڭ يىتەكچىلىكى بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان،
ئۇ 2004-يىلى مەملىكەت بۇيچە "10مۇنەۋەر سېرىك ئارتىس "مۇكاپاتىغا،2003-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە "تەڭرىتاغ سەنئەت "مۇكاپاتىغا،2008-يىلى شىياداۋكاڭ شىنجاڭ مەدەنى مىراس مۇنەۋەر مۇكاپاتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ ئۇ بېيجىڭدا مەملىكەتلىك 4قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر سېرىك مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى بەش مەشئەل يەتكۈزگۈچى لوندوندا ئولىمپىك م...
فىرانسىيە ئالىملىرى ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن غول ھۈجەيرىلەر 17 ...
شېۋىتسىيەدىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدا بۆرە توپى بىر ئايا...
مۇرشىنىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى بۇلۇپ سايلانغانلىقى رەسمى ئېلان قىل...
ھۇشسىز ياتقان 7 ياشلىق قىز ئانىسىنىڭ ناخشا ئاۋازىدا ھۇشىغا ك...