يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق مۇھىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، يەنە كۆپلىگەن خىرىس ۋە توسقۇنلۇقلارنىمۇ ئېلىپ كەلدى. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا مۇھىتىنى ياخشىلىشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا تەرەققىيات مۇھىتىدىكى پايدىلىق ئامىللار
1. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىدا سىجىل ۋە تېز سۈرئەتلىك ئېشىش كۆرۈلدى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ شەرقىي رايونلىرىدىكى بىر قىسىم تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى ۋە ئەمەلىي كۈچى زور چوڭ كارخانىلار شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ ئېچىش ۋە كەسىپ يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇردى. بۇ كارخانىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا چىقىرىلىپ، شىنجاڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسى ۋە بازارنى يېتەكچى قىلغان ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئاساسىي كەسىپلىرىنىڭ ئېشىشىغا نىسبەتەن تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشىدەك يېڭى ۋەزىيەت شەكىللەندى.
2. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئۇدا 5 يىل ئېغىر دەرىجىدىكى تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، 1996 - يىلىدىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرىدىكى ئېشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 2000 - يىلىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. قازاقىستان PDG سىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۇدا 6 يىلغىچە %9 تىن يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلاپ كەلدى، تۈركمەنىستاندا بولسا يېقىنقى 5 يىلدىكى PDG نىڭ ئېشىش نىسبىتى %20 تىن يۇقىرى بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي جەلپ قىلىش كۈچى ئەڭ زور رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
3. شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا مۇناسىۋىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى
جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان سىياسىي جەھەتتە ئىناق - دوستانە بولۇپ، بىر قاتار ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن شىنجاڭ بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگرا سودىسى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىزچىل ھالدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدىكى ئاساسلىق شېرىك دۆلەت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا شىنجاڭنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق كونا بازارلارغا قارىتىلغان سودىسى ئۇچقاندەك راۋاجلاندى. ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق يېڭى بازارلارغا قارىتىلغان چېگرا سودىسىمۇ جانلاندى. نۆۋەتتە، جۇڭگو قازاقىستاننىڭ ئالتىنچى چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلىتى بولۇپ، مەبلەغ سېلىش دائىرىسى نېفىت - تەبىئىي گاز، يېمەكلىك پىششىقلاش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئاپتوموبىل قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرگە تاقىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق كۆلىمى گەرچە قازاقىستاننىڭكىدىن كىچىكرەك بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات سۈرئىتى تېز بولماقتا. مۇنداقچە ئېيتقاندا، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، خۇرۇم پىششىقلاش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش - قۇراشتۇرۇش ۋە قۇدۇق بۇرغىلاش - رېمونت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك بولماقتا.
4. مەملىكىتىمىز ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا سىياسەتلىرى ۋە قانۇن - بەلگىلىمىلىرى شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ياراتتى
دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، جۇڭگو تاۋارلىرى ۋە مۇلازىمەت بازىرىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى. »جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى سودا قانۇنى« شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي ۋە ئاشكارا بازار مۇھىتىنى يارىتىپ بەردى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان چېگرا سودىسىدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى قانۇنىي ئاساس ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكىتىمىزدە يۈرگۈزۈلگەن غەربىي رايوننى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى شىنجاڭنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن سىياسىي ئاساس سالدى.
ئىككىنچى، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سودا تەرەققىيات مۇھىتىدىكى پايدىسىز ئامىللار
1. شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سودىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
ئالدى بىلەن شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا سودىسىدا بانكا ھېساباتى، قانۇنىي كېسىم، ئېكسپورت كىرېدىت سۇغۇرتىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئىزچىل ھالدا ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزمەكتە. ئۇندىن قالسا، ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىدا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرى مۇكەممەل بولماسلىق، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، مەھسۇلات سۈپىتى ناچار، رىقابەت كۈچى ئاجىز بولۇش، شۇنداقلا يېنىك سانائەت، سودا - سانائەت ۋە يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپلەرگىلا ئېتىبار بېرىشتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا.
2. غەربتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىدىكى كەسكىن رىقابىتى
نۆۋەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ مۇھىم جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە مول نېفىت - تەبىئىي گاز بايلىقى بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر تالىشىدىغان ئوبيېكتقا ئايلاندى. غەرب دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ مەبلەغ، تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا كىردى. ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، سودا قاتارلىق بىر قىسىم ساھەلىرىگە مەبلەغ سالدى؛ كورىيە، ياپونىيە ۋە تۈركىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىنى مونوپول قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشقا باشلىدى. بۇ دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى سۈپەت ۋە ماركېتىڭ ۋاسىتىسى جەھەتتە زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، شىنجاڭ كارخانىلىرى كەسكىن خەلقئارا رىقابەتكە دۇچ كېلىپلا قالماستىن، يەنە مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ھەم شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز ياقىلىرىدىكى رايونلارنىڭ خىرىسىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
3. كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان سودا قوغدىنىش تەدبىرلىرى
جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي سودا كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىدىكى سۈركىلىش كۈنسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا قارشى تۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق سودا قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللانماقتا، بۇ تەبىئىي ھالدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
ئومۇمەن، جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىدىكى ئالدىنقى سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن تاشقى ئىقتىسادىي سودىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا تايىنىدىغان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، رايون ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى ھەم رىقابىتىگە پائال قاتنىشىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە جۇڭگو - ئاسىيا - ياۋروپا يەرمەنكىسىدىن ئىبارەت مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش سۇپىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش شىنجاڭ ئىقتىسادىدا ھالقىش خاراكتېرلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم كاپالەتتۇر.
ھەمبەھىرلىنىڭ