سۇرىيەدىكى بالا ئەسكەر جەڭدە قازا قىلغان دوستىغا قاراپ يىغلاپ كەتتى

0 2012-07-09 11:13:59   خەلىقئارا توت لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      جۇڭگو ئاخبارات تورى 6- ئىيول تېلگراممىسى :چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 5- ئىيول خەۋىرىدە ، سۇرىيەدە تۇقۇنۇش تېخى پەسەيگىنى يوق ، يېقىندا بارغانسىرى كۈچىيىپ ، قازا قىلدىغان ئادەم سانى كۆپەيمەكتە ؛ قۇراللىق ھۈكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئىچىدە يېشى 10 ياشقا يەتمىگەن بالىلار بولۇپ ، بۇ بالىلار ئۆزنىڭ بويى بىلەن تەڭ قورالنى يۈدۈپ بۇ جەڭگە قاتناشتى ؛

      يېقىندا بىر فىلىمدا ، بىر نەپەر سۇرىيە ئۆكتىچى كۈچلەر " سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيسى " دىكى بالا ئەسكەرلەر بۇ رەھىمسىز ئۇرۇشتا سەپداش بالا ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈپ كىتىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئىچى سېيرىلىپ يىغلاپ كەتكەن ؛ بۇ بالا ئەسكەرلەر تېخى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدا بولۇپ ، مەكتەپ سومكىسى ئېسىشنىڭ ئورنىغا قورال - مىلتىق ئېسىپ جەڭگە قاتنىشىۋاتىدۇ ؛

      بۇ قىسقا فىلىمدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ؛ سۇرىيەدىكى بۇ گۇناھسىز  بالىلار بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا ھۈكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھۈكۈمەتكە قارشى تۇرىشىدىكى قۇربانلىقى بولۇپ قالغان ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博