ئالتە ياشلىق بالا ئاچارچىلىقتىن ئانا ئىتنى ئىككى يىل ئىمىپ ھايات كەچۈرگەن

0 2012-07-11 11:04:23   تېڭشۈن تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيول تېلگراممىسى . تەيۋەن " بۈگۈنكى سۆھبەت " نىڭ 10- ئىيول خەۋىرىدە ، ھىندىستاندىكى نامراتلىق پەرقى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ ، ھازىر 400 مىليون ئادەم ئاچارچىلىقتا يۈرمەكتە ؛ ئاچارچىلىقتا قالغان ئالتە ياشلىق بالا بىر كۈن ئۈچ ۋاق تاماق يىيەلمەي 2 يىلدىن بۇيان ئانا ئىتنىڭ سۈتىنى ئىمىمىپ ھايات كەچۈرمەكتە ؛ بۇ خەۋەر پۈتۈن تور بەتنى زىلزىلىگە سالدى ؛

        باشقىلار بۇ بالىنىڭ ئىتتىن غالجىرلىق كىسىلىنى يۇقتۇرۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭغا بىرپارچە قاتتىق بولكا بىرىپ ئۇنىڭ ئاچ قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ قۇيۇشنى ئويلىمىغان ؛ بۇ بالىنىڭ دادىسى ئاللىبۇرۇن ئۈلۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاپىسى ۋە ئانىسى ياۋا ئوت يەپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن ؛ 14 ياشلىق ئاكىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلسىمۇ بىراق ئۇنىڭ تاپقان ئازغىنە مائاشى ئۆزىدىن باشقا قېرىنداشلىرىغا يەتمەيتتى ؛ شۇڭا بۇ 6   ياشلىق بالا ئامال يوق ئانا ئىتىنى ئىمىپ قۇرسىقىنى تويغۇزۇپ جان باققان ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博