سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر ئەسەدنىڭ بىر گۈزەل ئائىلىسى بار،بۇ يىل 37ياشقا كىرگەن ئايالى ئەسما بىلەن توي قىلغىنىغا 12يىل بولغان بۇلۇپ تويدىن كىيىن ئىزچىل تۈردە ئىناق ئۈتۈپ ئوغلى بىلەن قىزىنى ياخشى تەربىلەپ كىلىۋاتقان ئىدى،بىراق ئەمدى بۇ ئائىلىگە دەز كىتىدىغاندەك تۇرىدۇ،چۈنكى ۋېيجى مەخپى نۇمۇر ئېچىش شېركىتى يېقىندا ئۇنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ مەخپى نۇمۇرنى تېپىپ ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن يېزىشقان 800پارچىدىن ئارتۇق مۇھەببەت مەكتۇپىنى توردا ئېلان قىلغان،بۇ مەكتۇپتىكى ئەر-ئايال باش قەھرىمان دەل زۇڭتۇڭ ئەسەد بىلەن ئۇنىڭ ئايال ياردەمچىسى مىس ئامىر.
بۇ يوللانمىلار شئىر ۋە كۈلكىلىك يۇمۇرلار بىلەن تولغان بۇلۇپ بۇ ئىككىسىنىڭ يېقىن مۇناسىۋېتىنى ئېچىپ بىرەلەيتى،بۇ ئايالىنىڭ ئۇنڭىغا ياردەملىشىۋاتقىنىغا 4يىل بولغان بۇلۇپ مەخسۇس زۇڭتۇڭىنىڭ ماتىرياللىرىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى.ئۇ ھازىر ئەنگىليەدە دوكتۇرلۇقتا ئۇقۇۋاتقان بۇلۇپ 9-ئايدا ئۇقۇشى پۈتەتتى،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ياتىقىدا زۇڭتۇڭىنىڭ يۇغان بىر پارچە رەسىمى چاپلاغلىق ئىكەن.بۇ ئىش تۈپەيلى ئۇ بەلكىم دوكتۇرلۇق دېپلۇمىنى ئالالماسلىقى مومكىن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ بۇ يوللانمىلىرىدىن ئۇنىڭ يازلىق ئوردىسىنى قايتىدىن لايىھەلەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەنگىليەدىن لايىھەلىگۈچى كەينىرنى تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە دەسلەپكى باسقۇچلۇق قۇرلۇش ئۈچۈنلا 176500فونىستېرلىڭدىن كۆپ پۇل خەجلىگەنلىكى ئاشكارلانغان.
ئىسپانىيە توپچىسى Iniesta ئامېرىكىلىق چولپان بىلەن توي قىلدى
ئادەم ئۆلتۈرۈپ 6 ئايغىچە تۇتۇلمىغان قاتىل تور بەتتە چولپانغ...
فىرانسىيە مۇسۇلمان توپچى ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىپ مۇسابىقى...
سىچۈندە تاشلىۋىتىلگەن نىفىت قۇدۇقدىن ئوت يالقۇنى ئېتىلىپ چ...
فىللىپىن -ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈز...