ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 9 - ئىيۇل باشلىنىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، 9 - ئىيۇلدىن 11 - ئىيۇلغىچە خەنزۇچە، مىللىيچە، موڭغۇلچە ئىمتىھان بەرگەنلەر، «قوش تىل» سىنىپلىرىدا ئوقۇغانلارنىڭ ئارخىپى دەسلەپكى قەدەمدە (تەقلىدىي) چىقىرىلىدىكەن، 12 - ئىيۇلدىن 14 - ئىيۇلغىچە رەسمىي ئارخىپ چىقىرىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ 15 - ئىيۇل خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەرنىڭ ئارخىپى دەسلەپكى قەدەمدە (تەقلىدىي) چىقىرىلىدىكەن، 16 - ئىيۇلدىن 17 - ئىيۇلغىچە رەسمىي ئارخىپ چىقىرىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ 16 - ئىيۇلدىن 17 - ئىيۇلغىچە خەنزۇچە، مىللىيچە، موڭغۇلچە ئىمتىھان بەرگەنلەر، «قوش تىل» سىنىپلىرىدا ئوقۇغانلاردىن تولۇق كۇرس نۆلىنچى، 1 - تۈركۈملىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە نامرات رايونلاردىن مەخسۇس پىلان بويىچە تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان بولسا توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن، 18 -، 19 - ئىيۇل ئارخىپ چىقىرىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن؛ 19 - ئىيۇل خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بەرگەنلەردىن تولۇق كۇرس نۆلىنچى، 1 - تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇندالمىغان بولسا توردا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن، 20 - ئىيۇل ئارخىپ چىقىرىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 - يىللىق تولۇق كۇرس 1 -، 2 - تۈركۈمىنىڭ ئالدىنقى تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 8 - ئىيۇل ئوڭۇشلۇق تاماملانغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە نامرات رايونلاردىن مەخسۇس پىلان بويىچە تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىمۇ تاماملانغان. 8 - ئىيۇل سائەت 18 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى) بۇ تۈركۈمدە ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 5200 دىن كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.
ھازىر قىسمەن سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپلەر تېخى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تاماملىمىغان، قىسمەن نۆلىنچى تۈركۈمدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ نومۇر چېكىگە توشقان ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى يېتەرسىز بولغان. شۇڭا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (www.xjzs.edu.cn)دا قايتا ئارزۇ تولدۇرۇلىدىكەن.
ئادەم ئۆلتۈرۈپ 6 ئايغىچە تۇتۇلمىغان قاتىل تور بەتتە چولپانغ...
فىرانسىيە مۇسۇلمان توپچى ئاياللارنىڭ ياغلىق چىگىپ مۇسابىقى...
سىچۈندە تاشلىۋىتىلگەن نىفىت قۇدۇقدىن ئوت يالقۇنى ئېتىلىپ چ...
فىللىپىن -ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈز...
سۇرىيەدىكى بالا ئەسكەر جەڭدە قازا قىلغان دوستىغا قاراپ يىغل...