سۇرىيە ھۆكۈمىتى خامار رايونىدىكى پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى

0 2012-07-18 11:05:32   شىنجاڭ گېزىتى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن خامار رايونىدىكى پۇقرالارغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ھەم بۇ، پۇقرالارنى قىرغىن قىلىش ۋەقەسى بولماستىن، بەلكى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قوراللىقلار ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش، دەپ تەكىتلىدى.

سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 15 - ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: قوراللىقلار 12 - ئىيۇل سۇرىيەنىڭ خامار رايوندىكى ترېمسا بازىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى ھەم بۇ بازاردىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالدى، شۇ جايدىكىلەر ھۆكۈمەت ئارمىيەسىدىن پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن، قوشۇنىمىز بۇ بازارغا بېرىپ قوراللىقلار بىلەن ئېتىشتى، ئۇرۇشتا يېنىك تىپلىق قورال ئىشلەتتى، تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن يەر يۈزىدىكى نىشانلارنى بومباردىمان قىلمىدى. سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پۇقرالارغا زەمبىرەك، تانكا ۋە مىناميوت قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلدى، دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق.

سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى خامار رايونىدا 12 - ئىيۇل زوراۋانلىق توقۇنۇش بولدى. سۇرىيەدىكى ئۆكتىچىلەر تەشكىلاتى بۇ توقۇنۇشتا 200 كىشى قازا قىلدى، دېدى ھەم سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى توقۇنۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلدى، دەپ قارىدى. سۇرىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، قوراللىقلار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا كېڭىشىشتىن ئىلگىرى بىزگە يەنە قارا چاپلاش مەقسىتىدە خامار پاجىئەسىنى پەيدا قىلدى، دېدى

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博