5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەن سائەت 4تە ، بىر چوڭ تىپتىكى يۇك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى ئايرودروم يۇقرى سۇرئەتلىك تاش يۇلىدا تەتۇر يۇلنىشتە ئىككى كېلومىتىرماڭغاندا، نىفىت يىڭى كەنتى يول بۆلىكدە يەنە بىر چوڭ تىپتىكى يۇك ئاپتوموبىلى بىلەن سۇقۇلۇپ كېتىپ 1ئادەم قازا قىلىپ 3ئادەمنىڭ يارلىنىشنى كەلتۇرۇپ چىقاردى.
جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى قاتناش چوڭ ئەترىتىنىڭ يۇقرى دەرىجىلىك تاشيول ئەترىتى ئۈرۈمچى غەربى چوڭ ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى جاڭفاڭيۇەننىڭ تۇنۇشتۇرىشچە، ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ شەكلى ئۆزگىرىشى قاتتىق ئىكەن. دەسلەپكى قەدەمدىكى تەكشۇرۇشكە ئارقىلىق ، شىمالى مېرسىدىس ئېغىر تىپتىكى ئۆزى تۇكىدىغان كۇزوپكىلىق يۇك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى خەلقارا ئايرودرومدىن شەھەر رايونىغا قاراپ ماڭىدىغان يولدا تەتۇر يۇلىنىشتە ماڭغان، ئىككى كىلومىتىر مىڭغاندا نورمال يۇلىنىشتە كىلىۋاتقان شەرىق شامىلى چوڭ يۇك ئاپتوموبىلى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. شەرىق شامىلى يۇك ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى نەق مەيداندا قازا قىلغان ۋە ئاپتوموبىلدىكى باشقا ئىككى ئادەم ھەم مېرسىدىس چوڭ يۇك ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى يارلانغان. فاڭيەن يەنە مۇنداق دەيدۇ، ئىنچىكە سوراش ئارقىلىق تاتۇر يۇلۇنىشتە يول يۇرگەن ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى مۇنداق دەيدۇ، ئۇ يولنى خاتا ماڭدى، مەن ئەسلىدە ئاپتوموبىلنىڭ بىشىنى بۇراپ ئەسلى يۇلۇنىشكە قايتماقچى ئىدىم، ئويلىمىغاندا بۇ ۋەقە يۇز بەردى. نۆۋەتتە يارلانغان ئۈچ ئادەم شىنجاڭ تىببى ئونۋىستىت قارمىقىدىكى 5-دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلۋاتىدۇ.