يەر شارىغا تاشقى پلانېتتىن كەلگەن يەتتە چوڭ مېھمان

6 2012-05-15 11:38:11   شىنخۇا تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

1.نامبىيەدىكى خوبا مېتېئورىتى

نامبىيەدىكى خوبا مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى 60 توننا كېلىدۇ،يەر شارىغا چۈشكەن ئەڭ ئېغىر مېترو تاش بولۇش سۈپىتى بىلەن خوبا مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئايىر ساك مېترو تېشىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.بۇ مېترو تاشنىڭ تاشقى كۆلىمى 6.5 كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ،ئېغىرلىقى 60 توننا ئەتراپىدا.خوبا مېترو تېشى تەركىبىدىكى تۆمۈر ۋە نىكېلنىڭ سېلىشتۇرمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 84 پىرسەنت ۋە 16 پىرسەنت ئەتراپىدا كېلىدۇ.گەرچە ئۇنىڭ يەر شارىدا <<ئولتۇراقلىشىپ>> قالغانلىقىغا 80 مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنىلا ھازىرىغا قەدەر يەر شارىغا چۈشكەن ئەۇ ئېغىر  ۋە ئەڭ چوڭ تەبىئىي تۆمۈر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.بۇ مېترو تاش 1920-يىلى بايقالغان.


2.ئارگىنتىنادىكى ئايىر ساك مېتېئورىتى

ئارگىنتىنادىكى ئايىر ساك مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى 37 توننا،بىر دانە غايەت چوڭ تۆمۈر مېترو تاش يەر شارىغا چۈشكەندىن كېيىن بىر قانچىگە بۆلۇنۈپ كەتكەن شۇنداقلا ئارگىنتىنادا كۆلىمى 60 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان مېترو ئازگىلىنى شەكىللەندۈرگەن.دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىرلىق جەھەتتە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ئايىر ساك مېترو تېشى بۆلۈنۈپ كەتكەن تۆمۈر مېترو تاشلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.كىشلەر بۇ مېترو تاشنى 1969-يىلى بايقىغان بولۇپ،4000 يىلدىن 5000 يىلنىڭ ئالدىدا يەر شارىغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن.

3. يورك قولتۇقىدىكى ئانىشىتو مېتېئورىتى

ئانىشىتو مېترو تېشى يورك بايقالغان ئەڭ ئېغىر بولغان مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ.ئۇ كىشلەر تەرىپىدىن<<چىدىر>>دەپ ئاتالغان.ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 31 تونناغا يېتىدىغان بولۇپ،ئۇ ھازىرغا قەدەر كىشلەر يۆتكەپ ئەكەلگەن ئەڭ ئېغىر مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ.1818-يىلى بۇ مېترو تاشنىڭ چۈشكەنلىكىگە ئائىت خەۋەر تارقالغان بولسىمۇ ئەمما 1894-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ئامېرىكا شىمالىي قۇتۇپ تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسسى روبىرىت پىلى يەرلىكتىكى بىر يول باشلىغۇچىنىڭ ياردىمىدە بۇ تاشنىڭ ئورنىنى بېكىتكەن.


4.مېكسىكىدىكى باكۇبىتو مېتېئورىتى

مېكسىكىدىكى باكۇبىتو مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى 22 توننا بولۇپ،ئۇ مېكسىكا بويىچە ئەڭ چوڭ مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ شۇنداقلا يەر شارىغا چۈشكەن شۇنداقلا ئەڭ تەلەيلىك ئەڭ چوڭ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ئەگمە مېترو تاشنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 22 توننا ئەتراپىدا،ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر كېلىدۇ.ئۇ ھازىر ساياھەتچىلەرنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ئەڭ چوڭ جايغا ئايلاندى.بۇ مېترو تاش 1892-يىلى بايقالغان.

 5.گېرىنلاندتىكى ئاگپاللىك مېتېئورىتى

گېرنلاندىكى ئاگپاللىك مېترو تېشىنى 1963-يىلى ۋاگئىن بۇچىۋارد بايقىغان بولۇپ، يورك قولتۇقىدىكى شايەت زور مېترو تاشنىڭ تۆتىنچى ئاساسلىق پارچىسى ھېسابلىنىدۇ.ئاگپاللىك مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى 20 تونناغا يەتمەيدۇ،ئۇ ھازىر كوپىنھاگىن يەر سۈپىتى مۇزىيىدا ساقلانماقتا.
 

6.تانزانىيەدىكى مىڭبوشى مېتېئورىتى

تانزانىيىدىكى مىڭبوشى مېترو تېشىنىڭ ئېغىرلىقى 16 توننا كېلىدىغان بولۇپ،1930-يىلى بايقالغان،شۇ جايدىكى كىشلەر ئۇنى بىر پارچە ئىلاھ تاش دەپ قاراپ كەلمەكتە. بۇ تاشنىڭ يەر شارىغا چۈشكىنىگە نەچچە مىڭ يىل بولغان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
 

7.ئامېرىكىدىكى ۋېلامۇد مېتېئورىتى

ئامېرىكىدىكى ۋېلامود مېتېئورىت ئېغىرلىقى 15.5 توننا كېلىدۇ،ئۇ ئامېرىكا بويىچە بايقالغان ئەڭ ئېغىر مېترو تاش ھېسابلىنىدۇ،بۇ مېترو تاشنىڭ سىرىتقى يۈزىنىڭ ھەممىلا يېرى ئويمان شەكىلدە بولۇپ،تۆمۈر مىقدارى 91 پىرسەنتنى،نىكېل مىقدارى 7.62 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ.بۇ تاش 1902 -يىلى بايقالغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر