ئەنگىلىيە "قۇياش گىزىتى"نىڭ 5-ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى خەۋىرى، دېسكو ئايال پادىشاھى دەننا. شارمەن راك كىسىلى سەۋەبىدىن 17- ماي ئامرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتىدا، 63يىشىدا ۋاپات بولدى. شارمەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 17- ماي مۇسىبەت خەۋرىنى يەتكۈزۇپ:"بۇگۈن ئەتىگەن، بىز دەننا. شارمەن دىن ئايرىلىپ قالدۇق، ئۇ بىزگە نۇرغۇنلىغان سوۋغاتلانى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى بولسا ئۇنىڭ ئېتقادى "دېدى. تەزىيە نۇتۇقىدا يەنە:" بىز ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ئازاپلىنىش بىلەن ئۇنىڭ ئۆزگىچە ھاياتى ۋە مەنگۇ ئۇچۇرۋەتكىلى بولمايدىغان قىممەتلىك مىراسلېرىغا مەدىھە ئوقۇيمىز " دىيىلدى.
بۇ رىۋايەتتىكى قارا ئايال ناخشا چولپىنى كىسىلى توغۇرسىدا شۇ ۋاقىتتىكى ئىشنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز، ئۇنىڭ راك كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇشىدىكى سەۋەپ شۇكى، 2001-يىلى نيۇ يورك شەھرى دۇنيا سودا بىناسىدا قورقۇنۇشلۇق زەربىگە ئۇچۇرغاندىن كېيىن شۇ مەيداندىكى قۇيۇق زەھەرلىك چاڭ -تۇزاڭغا يىقىلىپ چۇشكەن، شۇ كۇنى ئۇ دۇنيا سودا بىناسىغا يىقىن تەرەپتىكى سارايدا ئىدى.
شارمەن ئامرىكىنىڭ ماسساچۇسېتس شتاتىنىڭ بوستون بازىرىدا تۇغۇلغان، گەپ قىلىشنى ئۆگەنگەندىن باشلاپلا ناخشا ئېيتىشقا باشلىغان، كېگىن ئۇ ئىبادەتخانىدا كوللىكتىپ ناخشا ئېيتىش(خور ئېيتىش) ئەترىتىدە ناخشا ئېيتقان، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللېرىنىڭ باشلېرىدىن باشلاپ نام چىقىرىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلېرىدىن "Love To Love You"،"I Feel Love" ۋە "Hot Stuff" قاتارلىقلار.