ۋۇخەندىكى بانكا پارتلىتىش دېلوسىغا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

02012-05-16 12:12:23   خەلق تورى   admin
T|T:خەت رەزمىرى

باش جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى

  خەلق تورى 15-ماي خەۋىرى. ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ۋۇخەن قۇرۇلۇش بانكىسى تور نۇقتىسىنى پارتلىتىش دېلوسى توغرىسىدا 14-ماي بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلدى. دېلودىكى باش جىنايەتچى ۋاڭ خەيجيەن(ئالدى سول تەرەپتە) پارتلىتىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى؛ ئەگەشكۈچى جىنايەتچى ۋاڭ ۋېي(ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدا) پارتلىتىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلىندى، ئەگەشكۈچى جىنايەتچى ۋاڭ ئەنئەن(ئالدىنقى رەت ئوڭدا) پارتلىتىش جىنايىتى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن 6 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر