مۇھىم مەزمۇنى: فرانسىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پرېزىدېنتى ھوللاندېنىڭ جۇڭگوغا قارىتا سىياسىتى دىققەت- ئېتىبارنى قوزغىدى، ئۈچ ئالامەتتىن ئۇنىڭ جۇڭگوغا قارىتا سىياسەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. ئالدى بىلەن، ھوللاندې سايلام مەزگىلىدە پارىژنىڭ 13- رايونىدىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىغا بېرىپ ئەجدىھا يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلگىرى ئۆزىنى جۇڭگوغا ئەھمىيەت بېرىمەن دەيدىغان سابىق پرېزىدېنت ساركوزى پەقەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى ۋەكىل قىلىپ بۇ پائالىيەتكە ئەۋەتكەنىدى.
شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەلۇمات گېزىتى» نىڭ 16- مايدىكى ماقالىسى، ئەسلى تېمىسى: ھوللاندې خەنزۇ سايلىغۇچىلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، ئۈچ خىل ئۇسۇل قوللاندى
فرانسىيەنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان پرېزىدېنتى ھوللاندېنىڭ جۇڭگوغا قارىتا سىياسىتى دىققەت- ئېتىبارنى قوزغىدى، ئۈچ ئالامەتتىن ئۇنىڭ جۇڭگوغا قارىتا سىياسەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
ئالدى بىلەن، ھوللاندې سايلام مەزگىلىدە پارىژنىڭ 13- رايونىدىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىغا بېرىپ ئەجدىھا يىلىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلگىرى ئۆزىنى جۇڭگوغا ئەھمىيەت بېرىمەن دەيدىغان سابىق پرېزىدېنت ساركوزى پەقەت ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى ۋەكىل قىلىپ بۇ پائالىيەتكە ئەۋەتكەنىدى.
گەرچە ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ تەدبىردە خەنزۇ سايلىغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش مەقسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەنزۇ سايلىغۇچىلار ئەزەلدىن ئوڭ قاناتلارغا بېلەت تاشلاشقا مايىللاشقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ سانى چەكلىك، بېلەت تاشلاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلار تېخىمۇ چەكلىك، شۇڭا ھوللاندېدىن ئىبارەت بۇ «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا»، ئۇ خەنزۇ سايلىغۇچىلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان جۇڭگوغا ياخشىچاق بولماقچى.
ئىككىنچىدىن، ھوللاندې پرېزىدېنتلىققا سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ كۆرۈشكەن چەتئەل ئەلچىسى جۇڭگونىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كوڭ چۈەن. ئۇنىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ھوللاندى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ «سەزگۈر»، قائىدە- يوسۇن ۋە تەپسىلاتلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ جۇڭگو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پوزىتسىيەسى تولىمۇ ئېھتىياتچان ئىكەن. ئۇ كوڭ چۈەن بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئوقۇدى، چۈنكى ئۇ بۇ تەپسىلاتلارنىڭ بېيجىڭغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
ئاخىرقى نۇقتا شۇكى، ھوللاندې پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، فرانسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان مەھكىمەسىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى يەن باۋلونى دېپلوماتىيە مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى. يەن باۋلو خەنزۇ تىلىغا راۋان بولۇپ، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇنى «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى جۇڭگو ئالاقىسىنىڭ بىرى» دەپ سۈرەتلىدى. ئۇ جۇڭگو ئەدەبىياتى بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە، 1987- يىلىدىن باشلاپلا فرانسىيەنىڭ جۇڭگودا دائىمىي تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2005- يىلى ئاندىن جۇڭگودىن ئايرىلىپ مادرىدتا ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2009- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، ئۇ فرانسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان مەھكىمەسىنى قولىغا ئالغان.
گەرچە ساركوزىنىڭ دېپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى رېۋېرتېرمۇ ئىلگىرى جۇڭگودا ۋەزىپە ئۆتىگەن، شۇنداقلا خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدىغان دېپلومات بولسىمۇ، ئەمما سەركوزى ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ، مەسلىھەتچىنىڭ سۆزىگە كىرمىگەچكە، جۇڭگو بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك داۋالغۇشلاردىن ساقلىنالمىغان. ئەمما «نورمال» پرېزىدېنت ھوللاندې ساركوزىدەك ئۆزىنىڭ گېپىنىلا يورغىلىتىدىغانلاردىن ئەمەستەك قىلغاچقا، يەن باۋلو فرانسىيە بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى «نورمال» مۇناسىۋەتنى ساقلىيالىشى مۇمكىن.