جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 17-ماي تېلېگراممىسى: ب د ت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 16-ماي چۈشتىن بۇرۇن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارى ئوكامپونىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئاڭلاپ چىققان. ئوكامپو بىلدۈرىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئشلار سوتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا لىۋىيە دائىرىلىرىنىڭ لىۋىيە سابىق زۇڭتوڭى كازافىينىڭ ئوغلى سەيفنى ئۆزى سوتلاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، تەييارلىق تەكشۈرۈش شۆبە سوتى بۇنىڭغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولغان.
بۇندىن بۇرۇن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى كازافىي، كازافىينىڭ ئوغلى سەيف ۋە لىۋىيە ئاخبارات ئورگىنىنىڭ سابىق مەسئۇلى ئابدۇللا ئەل سېنۇسسىلارغا خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان. بۇ ئۈچ كىشى بۇلتۇر بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن دېموكراتىيە نامايىش كۈچ كۆرسىتىشتە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە باسقۇنچىلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن دەپ ئەيىبلەنگەن.
ئوكامپونىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قۇرۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، تۇنجى قېتىم بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئەيىپلىگەن بىر كىشىنى ئوخشاش جىنايەت بىلەن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى ئىكەن. بۇ «رىم كېلىشىمنامىسى» 1998-يىلى قۇرغان ئەدلىيە سېستىمىسىنىڭ يادروسىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ، يەنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ شىكايەت قىلىش مۇھىم مەجبۇرىيىتى بار، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ پەقەت تولۇقلىما رولى بار.
ئوكامپونىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇ ئالدىنقى قېتىم خەۋپسىلىك كېڭىشىگە بۇ دىلونى دوكلات قىلغاندا، ئەگەر لىۋىيە دائىرىلىرى بۇ ئۈچ كىشىنى ئوخشاش جىنايەت بىلەن ئەيىبلەب تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا، لىۋىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئىلتىماس تاپشۇرىشى كېرەك، ھەمدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى لىۋىيەدە شىكايەت قىلىش- قىلماسلىقىنى قارار قىلىشى كېرەك. تەپتىش تەرەپ 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تەييارلىق تەكشۈرۈش شۆبە سوتىغا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان پىكىرلىرىنى دوكلات قىلىدۇ.
لىۋىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە سەيفنىڭ مۇۋاپىق قاماقتا تۇرىۋاتقان، يېتەرلىك ۋە سۈپەتلىك تاماق بار، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئادۋۇكاتلىرى بىلەن ئۇچرىشالايدۇ، ھەمدە ئۇ ئۆزى تاللىغان دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئادۋۇكاتنى ساقلاپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەيف خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى، ھۆكۈمەت سىرتىدىكى تەشكىلات ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يوقلاپ كېلىشىنى قۇبۇل قىلالايدىكەن. لىۋىيە دائىرىلىرىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق داۋالىنىش ۋە چىش ئاسراش مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن، تەن جازاسى زۇلۇمىغا ئۇچراش ئەھۋالى بولمىغان.
ئوكامپونىڭ بىلدۈرىشىچە، يەنە بىر ئەيىپلەنگۈچى سېنۇسسىمۇ 3-ئايدا ماۋرىتانىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. فرانسىيە ۋە لىۋىيە بۇنىڭغا قارىتا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىمۇ ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىلتىماسىنى ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ.