كىشىلەرنىڭ گۈل چېڭىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھەسەل ھەرىسى بېقىش ئارقىلىق گۈل چېڭى ئىشلەپچىقىرىپ، كىرىمنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. قىچا چېچەكلىگەندە ھەرە ساندۇقىدىن پايدىلىنىپ يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. كونكرېت جەريانى مۇنداق: قېلىنراق سۇلياۋ يوپۇقنى ھەرە ساندۇقى ئېغىزىنىڭ چوڭلۇقىدا كېسىۋېلىپ، ئۇنىڭغا 4.5 مىللىمېتىر چوڭلۇقتا 3 رەت يۇمۇلاق تۆشۈك تېشىلىدۇ. ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى رەتنىڭ ھەربىرىگە 7 تۆشۈك، ئوتتۇرىدىكى رەتكە 6 تۆشۈك تېشىلىدۇ. ئاندىن ساندۇق ئېغىزىنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاستىغا بىر پارچە ئاپپاق قەغەز قويۇلىدۇ، ھەسەل ھەرىلىرى گۈل چېڭىنى يىغىپ قايتقاندىن كېيىن، تۆشۈكلەردىن ئۆتۈپ ساندۇققا كىرگەن ۋاقىتتا ھەرە پۇتىدىكى گۈل چاڭلىرى سۈركۈلۈپ قەغەزگە چۈشىدۇ. ھەربىر توپ ھەسەل ھەرىسى كۈنىگە 1 سائەتتىن يىغسا، ھەر باھاردا0.1-0.5 كىلوگىرام گۈل چېڭى يىغىۋالغىلى بولىدۇ.
ساقلاش ئۇسۇلى
گۈل چېڭىنى سەل قۇرۇتۇپ، 1:2 نىسبەتتە گۈل چېڭى بىلەن ئاق شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ھىم قاچىغا قاچىلاپ، بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۈستىگە بىر قەۋەت ھەسەل قۇيۇپ، سالقىن جايدا ياكى توڭلاتقۇدا ساقلاش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ