مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۈچەك مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئاساسىي غول شاخچىلىرىنىڭ قوۋزىقىنى قىرىۋەتكەندە، قوۋزاق قەۋىتىدە قىشلايدىغان كېسەللىك ھاشاراتلىرى يوقىتىلىپ، دەسلەپكى يۇقۇملىنىش مەنبەسى ئازىيىدۇ، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك.
قوۋزاقنى قىرىش مەزگىلى
ئادەتتە يەر توڭلىغاندىن باشلاپ ئەتىيازدا نوتىلار بىخلىنىشتىن ئىلگىرىكى مەزگىل قوۋزاق قىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. باش باھاردا قوۋزاق قىرىلسا دەرەخ شەكلىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ۋە دەرەخنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، قىش پەسلىدە قىرغانغا قارىغاندا ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ. نۇرغۇنلىغان كۈشەندىلەر زىيانداش ھاشاراتلار بىلەن بىرلىكتە دەرەخنىڭ غول ۋە شاخ قوۋزاق قەۋىتىدە قىشلايدۇ. كۈشەندىلەرنىڭ ھەرىكەت باشلاش ۋاقتى زىيانداش ھاشاراتلاردىن بالدۇر بولغاچقا، كۈشەندىلەرنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىنى قىرىش ۋاقتى نوتىلار بىخلىنىشتىن ئىلگىرى مۇۋاپىق ھالدا كەينىگە سۈرۈلۈشى كېرەك.
قوۋزاق قىرىش ئورنى
قوۋزاق قىرىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى غول ۋە ئاساسىي شاخنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلاپ ئاساسىغىچە بولۇپ، كېسەللەنگەن مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ كېسەل تەككەن ئورنىدىكى قوۋزاقلارنى چوقۇم پاك - پاكىزە قىرىۋېتىش كېرەك.
قوۋزاقنى قىرىۋېتىش دەرىجىسى
مېۋە دەرەخلىرىنىڭ قوۋزىقىنى قىرغاندا <قىزارغىچە قىرىش، چوڭقۇر قىرماسلىق> پىرىنسىپىنى ئىگىلەش كېرەك. ناۋادا قوۋزاق قىزارغىچە قىرىلمىسا، ئۇ ھالدا قىرىش يېنىك بولۇپ قېلىپ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاقارغىچە قىرىلسا، قىرىش چوڭقۇر بولۇپ كېتىپ دەرەخ ئاجىزلاپ كېتىدۇ. بۇندىن باشقا، يەنە ئاساسىي شاخ قوۋزىقى قېلىن دەرەخلەرنى مۇۋاپىق دەرىجىدە چوڭقۇر قىرىش، ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا تېيىز قىرىش كېرەك.
قوۋزاق قىرىش سۈپىتى
قوۋزاق قىرغاندا ئىنچىكە، ئەتراپلىق ۋە تەلتۆكۈس بولۇش، قوۋزاق قىرىلغان ئورۇن سىلىق ۋە تەكشى بولۇش، شۇنداقلا قىرىپ بولغاندىن كېيىن مېتىل توپسىن سۇيۇقلۇقىنى سۈرتۈپ، كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. قىرىپ چۈشۈرۈلگەن قوۋزاقلارنى پاك - پاكىزە يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىش ياكى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش كېرەك.
ھەمبەھىرلىنىڭ