تۈركمەنىستاننىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر كۆپەيدى

0 2012-05-02 10:54:26   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      تۈركمەنىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا كورىيەمۇ تۈركمەنىستاننىڭ لېبىپ رايونىدىكى hcalaH زاۋۇتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
    2011- يىلى 1 - ئايدىن 8 - ئايغىچە بۇ زاۋۇت 3137 توننا يىپەك يىپ ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، 2010 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا 217 توننا ئاشقان. ئىشلەپچىقىرىلغان يىپەك يىپنىڭ كۆپ قىسمى چەت ئەللەرگە ئېكسورت قىلىنغان.
      hcalaH زاۋۇتى جەنۇبىي لېبىپ رايونىدىكى ئەڭ چوڭ ئىلمە توقۇلما زاۋۇتى بولۇپ، 2005 - يىلى قۇرۇلغان، 160 ئادىمى بار، بۇ ئىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ رايوندىكى ئاھالىلاردىن تەركىب تاپقان، زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئاپتوماتلاشقان.
      2011 - يىلى تۈركمەنىستاننىڭ كېۋەز تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تەخمىنەن 550 مىڭ گېكتارغا يەتكەن بولۇپ، يىل ئاخىرىدا پاختىدىن 1 مىليون 300 مىڭ توننا ھوسۇل ئېلىش مۆلچەرلەنگەن، 2010 - يىلى بولسا 1 مىليون50مىڭ توننا ھوسۇل ئالغانىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر