ئامېرىكا مەبلەغ سېلىپ قىرغىزىستاننىڭ ئاۋىئاتسىيە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يېڭىلىماقچى

0 2012-05-02 10:52:52   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى يېڭىلاش ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىپ ياردەم بېرىدىغانلىق لايىھەسىنى ماقۇللىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
      ئامېرىكا ئەلچىخانىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى سىستېما قىرغىزىستان ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى، رىقابەت كۈچىنى ۋە ترانسپورت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئامېرىكا مەبلەغ سېلىپ ياردەم بېرىدىغان قىرغىزىستان ئاۋىئاتسىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى بۇ يېڭى سىستېما بىشكېكتە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان بوشلۇقتا باشقۇرۇش مۇنارى ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد يول باشلاشنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئامېرىكا شىركىتى قۇراشتۇرۇش ئىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
      قىرغىزىستاندىكى بىر قىسىم يەرلىك كىشىلەر: ئامېرىكا مەبلەغ سېلىپ قۇرۇپ بېرىدىغان بۇ ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتىكى يېڭى سىستېما ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ئاۋىئاتسىيە تىرانسپورت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر