ئۆزبېكىستان خۇرۇم ۋە ئاياغ تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى يېقىندا مۇخبىرلارغا: جۇڭگو چوڭچىڭ تيەنۋېي كەسپى شىركىتى proC esirpretnE yawykS نىڭ 2012 - يىلىدىن2015- يىلىغىچە بولغان ۋاقىتتا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە خۇرۇم سانائىتى بىرلەشمە گەۋدىسىنى قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇ تۈر مەبلىغىنىڭ 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو بۇ تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالاپ بولدى. پىششىقلاپ ئىشلەش بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 500 مىڭ پارچە كالا تېرىسى ۋە 2 مىليون پارچە قوي تېرىسىگە يېتىدۇ. تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ۋاقتى 3 يىل. رەئىس يەنە مۇنداق دېدى: ‹جۇڭگو شىركىتى 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دەسلەپكى قەدەمدىكى تەتقىقات ۋە بىرلەشمە گەۋدە قۇرۇلىدىغان ئورۇننى تاللاپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ›. مەزكۇر تۈرگە جۇڭگو شىركىتى بىۋاسىتە مەبلەغ سالىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ