شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ‹كەسپى دېڭىزى› ئىجتىمائىي ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

0 2012-04-25 13:19:41   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونىدا) باشقۇرۇش كومىتېتى بىلەن قازاقىستان ئاقتاۋ دېڭىز پورتى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. مەزكۇر كېلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا تۇرۇشلۇق كارخانا - شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى »كاسپى دېڭىزى« ئىجتىمائىي ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.
      قازاقىستاننىڭ مانگىستاۋ ئوبلاستىدىكى ئاقتاۋ شەھىرى بولسا كاسپى دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان پورت شەھىرى بولۇپ، نېفىت - تەبىئىي گاز سانائىتى مەركىزى. بۇ يەردە خەلقئارا ئايروپورت، ۋوگزال، دېڭىز پورتى بار. ئاقتاۋ دېڭىز پورتى قازاقىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى، ئۇ كۆپ ئىقتىدارلىق تېرمىنال بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستاندىكى تۈرلۈك قۇرۇق مال، خام نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى يۆتكەپ توشۇيدىغان بىردىنبىر خەلقئارا دېڭىز پورتى بولۇپ، يىلىغا توشۇلىدىغان پارچە مال مىقدارى 1 مىليون500مىڭ توننىغا، نېفىت مەھسۇلات مىقدارى 10 مىليون توننىغا يېتىدۇ.
      نۆۋەتتە، نۇرغۇن داڭلىق كارخانىلار ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئاقتاۋ شەھىرىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىتىغا قىزىقماقتا. بۇ رايون سودا مىنىستىرلىقىنىڭ چېگرا سىرتى سانائەت باغچىسى قۇرۇش ئۆلچىمىگە ماس كېلىدۇ. 2008 - يىلى 4 - ئايدىلا جۇڭگونىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئېچىلغان جۇڭگو - قازاقىستان ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقى يىغىنى مەزگىلىدە، شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئاقتاۋ دېڭىز پورتى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنى باشقۇرۇش ئورنى ھەمكارلىق مۇددىئانامە باياناتنامەسىنى ئىمزالاپ، قازاقىستاننىڭ مانگىستاۋ ئوبلاستىدىكى ئاقتاۋ دېڭىز پورتى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىدا ‹جۇڭگو سانائەت باغچىسى› نى قۇرۇپ، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قازاقىستاننىڭ مانگىستاۋ ئوبلاستىدىكى ئاقتاۋ شەھىرىدە ياسىمىچىلىقنى ئاساس قىلغان ‹جۇڭگو سانائەت باغچىسى› نى قۇرۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئالغۇچى تۇنجى كارخانا بولۇپ قالدى.
      دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكسپورت ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، باجدىن خالىي ئۇنىۋېرسال رايون فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ قۇدرەت تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونىدا) باشقۇرۇش كومىتېتى 2008 - يىلى شىنجاڭ سەنباۋ ئوقەتچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامەسىنى كېلىشىپ، دۆلەتنىڭ قازاقىستاننىڭ مانگىستاۋ ئوبلاستىدىكى ئاقتاۋ شەھىرىدە ‹جۇڭگو سانائەت باغچىسى› نى قۇرۇش تۈرىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاقتاۋ شەھىرىمۇ ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىز كارخانىلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىنى ئېچىشىغا ئاساس سالماقتا.
      »كاسپى دېڭىزى« ئىجتىمائىي ئىگىلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ لىدېرى نۇرگالىيېۋ. ئاسقار. كارتايېۋىچ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سانائەت باغچىسى« قۇرۇلۇشى2013- يىلى تاماملىنىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپلىگەن جۇڭگو ئېغىر سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مەزكۇر سانائەت باغچىسىغا ئولتۇراقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، قازاقىستان ھۆكۈمىتىمۇ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ‹تۆۋەن باج نىسبىتى› سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
      ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونىدا)باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى خۇاڭ يۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى تەرەققىيات رايونىمىز بىلەن قازاقىستان ئاقتاۋ دېڭىز پورتى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىنىڭ ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغۇسى.
      دۆلەت سودا مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات ۋە ئۈرۈمچى ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونىدا) نىڭ رەھبەرلىرىدىن ۋېي يى، ياڭ يۇڭ، جاڭ يۈجۇڭ قاتارلىقلار كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر