ساختا ماللار رۇسىيە بازىرىنى قاپلاشقا باشلىدى

0 2012-04-25 13:16:33   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
      نۆۋەتتە، رۇسىيە بازىرىدىكى ھەر 10 تاۋارنىڭ 3 ىدە سۈپەت مەسىلىسى مەۋجۇت بولماقتا. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ساختا ناچار مەھسۇلاتلار ئاساسەن چەت ئەللەردىن كەلتۈرۈلگەنىكەن.
      رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يېقىنقى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەدە ساختا داڭلىق ماركىلىق كىيىم - كېچەكلەرنىڭ سېتىلىش سوممىسى پۈتكۈل رۇسىيە كىيىم - كېچەك بازىرى ئومۇمىي تىجارەت سوممىسىنىڭ %73 ىنى ئىگىلىگەن.
      ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر پارچە دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئەتىر، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك، كۈندىلىك خىمىيە سانائەت بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىك قاتارلىق ھەر خىل تۈردىكى مەھسۇلاتلار ئىچىدە ساختا ماللار %30-%15نى ئىگىلەيدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلار قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ تورداشلاردىن ئۇچۇر ئىگىلىشى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن. يېقىندا موسكىۋادا ئېچىلغان بىر قېتىملىق يىغىندا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەتىيازدىن باشلاپ قانات يايدۇرۇلغان »ساختا تاۋارلارنى مەخسۇس تۈزەش« خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يەنى70قانۇنسىز سودا تور بېكىتى بىكار قىلىندى، 73 يەر ئاستى ساختا مال ياساش ئورنى تازىلاندى، مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەتسىز بولغان كۆپلىگەن كارخانىلار تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلدى.
      ھالبۇكى، نوپۇزلۇق تارماقلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئوغرىلىقچە نەشر قىلىنغان يۇمشاق ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى 7 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، %80 كە يېتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر