جىمىنەي چېگرا ئېغىزى
2011- يىلى دەسلەپكى سەككىز ئايدا جىمىنەي چېگرا ئېغىزىدىكى ئىمپورت سودىسىدا توڭلىتىلغان ئىتبېلىق ۋە كارپ بېلىقى، يانپاش قۇرت تۇخۇمى قاتارلىق ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئومۇمىي ئىمپورت مىقدارى 227.18 توننىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %87 ئارتقان؛ ئىمپورت قىلىنغان تاۋار قىممىتى287 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %38 ئارتقان؛ ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان باج سوممىسى 467 مىڭ 500 يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %80 ئارتقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 2011 - يىلى دەسلەپكى سەككىز ئايدىكى تاۋار ئىمپورت مىقدارى جەمئىي 58.3توننىغا، ئىمپورت قىلىنغان تاۋارنىڭ قىممىتى 58 مىڭ 300 ئامېرىكا دوللىرىغا، يىغىۋېلىنغان باج سوممىسى 91 مىڭ 700 يۈەنگە يېتىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان 3 خىل ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1.5 ، 4.15 ۋە 3.9 ھەسسە ئارتقان. ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا بۇ 3 خىل مەھسۇلاتقا نىسبەتەن ئېھتىياجنىڭ ئارتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، بۇ ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئومۇميۈزلۈك ئاشقان ھەم قازاقىستان ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان.
قورغاس چېگرا ئېغىزى
2011- يىلى دەسلەپكى سەككىز ئايدا قورغاس چېگرا ئېغىزىدىكى تاۋار ئىمپورت - ئېكسپورت مىقدارى 6 مىليون 750 مىڭ 900 توننىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %255 ئارتقان؛ توشۇلغان تاۋار قىممىتى 4 مىليارد 560مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %69 ئارتقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت مىقدارى 6 مىليون 370 مىڭ 700 توننىغا، توشۇلغان تاۋار قىممىتى 2 مىليارد 742 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %334 ۋە %392 ئارتقان؛ ئېكسپورت مىقدارى 380 مىڭ200توننىغا، توشۇلغان تاۋار قىممىتى 1 مىليارد 818 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %12 ۋە %18.24 ئارتقان.
جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرى
قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2011 - يىلى دەسلەپكى سەككىز ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان يېڭى مېۋە - چېۋە 17 مىڭ توننىغا، ئومۇمىي سودا سوممىسى 13 مىليون 137 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇ ئىككى كۆرسەتكۈچ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئايرىم - ئايرىم ھالدا %35.5ۋە %27.9 ئارتقان. ھەر توننا يېڭى مېۋە - چېۋەنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 758 ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.7ئارتقان. ئېكسپورت تاۋارلىرى ئالما، نەشپۈت ۋە ئاپېلسىن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئاساسلىقى قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا چىقىرىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا 2011 - يىلى مېۋە - چېۋە باھاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرىلاپ، چەت ئەل بازارلىرىدىكى باھا رىقابەت ئۈستۈنلۈكىنى يوقىتىپ قويغان. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭ چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان مېۋە - چېۋە مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ