تۈنۈگۈن مىكروسوفتنڭ باياناتچىسى Nuno Silva پورتىگالىيەwame تور بېكىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «Windows Phone7بارلىق يانفۇنلىرىنىWindows Phone 8گە يېڭىلىغىلى بولىدۇ»دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن، بۇ خەۋەر نۇرغۇنلىغان Windows Phone ھەۋەسكارلىرىنى ئىنتايىن خۇشال قىلغان ئىدى. لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ،Nuno Silva ئاللىبۇرۇن يۇقىردا دىگەن سۆزىنى ئۆزىنىڭ MSDNبلوگىدىن چىقىرىۋەتكەن بولۇپ، .ئۇنىڭ ئەسلى دىمەكچى بولغىنى « ھازىر بار بولغان Windows Phoneپروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېيىنكى نەشىردىكى Windows Phone 8دە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.»ئىكەن.
بىلوگدا، Nuno Silva ئۆزىنىڭ زىيارەت داۋامىدا «پروگرامما ماسلىشىشچانلىقى» ۋە «يانفۇن سېستىما نەشىرىنى يېڭىلاش»دىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئۇقۇمدا خاتاچۈشىنىش پەيدا قىلىپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ھازىر Nuno Silvaنىڭ « ھازىر بار بولغان Windows Phoneپروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېيىنكى نەشىردىكى Windows Phone 8دە ئىشلەتكىلى بولىدۇ.» دىگەن سۆزى مىكروسوفت شىركەت تەرەپنىڭ ئاشكارە ئېلان قىلغان ئۇچۇرى بىلەن بىردەك.
مىكروسوفت ھازىر پەقەت ئاچقۇچىلارغىلا پروگرامما ماسلىشىشچانلىقى توغرىسىدا يېتەكچىلىك ئېلىپ بارغان، كەلگۈسىدىكى مەھسۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك پىلان توغرىسىدا تېخى ھېچقاندا يېڭى ئۇچۇر يوق. WP7يانفۇنلىرىنىڭ (Windows Phone 8(Apolloغا يېڭىلىغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى توغرىسىدا بىز يەنىلا مىكروسوفتنىڭ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىگە موھتاج