گوللاندىيەلىك بۇ ئاجايىپ ئەرنىڭ ئىسمى خېبورن بولۇپ ، قىسقىغىنا توققۇز يىلنىڭ ئىچىدە جەمئىي 82 پەرزەنتلىك بولغان ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى بالىسى تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ يىل 42 ياشقا كىرگەن خېبورن بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە ئون بەش ئايال بىلەن بىللە بولغان . بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالىلىق بولۇشىغا ياردەم قىلغان . ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى يەرلىكنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ئەمەس ئىكەن . ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ ھازىرغا نىسبەتەن دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ بالىلىق بولغان دادا ئىكەن . كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغىنى شۇكى ، ئۇ 34 ياشقا كىرگەندىمۇ يىگىت ئىكەن .
خېبورننىڭ بالىلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان ئىكەن . يەنى گوللاندىيە ، ئىتالىيە ، ئىسپانىيە، بېلگىيە ، فرانسىيە، يېڭى زىنلاندىيە قاتارلىق جايلاردا ئۇنىڭ بالىلىرى بار ئىكەن . ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بالىسى بۇ يىل توققۇز ياشقا كىرىپتۇ . ئەڭ كىچىكى ئەمدى ئىككى ئايلىق بولغان ئىكەن .
خېبورن خېلى بۇرۇنلا يەرلىكتىكى شىپاخانىلارنى ئۇرۇق بىلەن تەمىنلىگەن . كېيىن ئۇ تەبئىي ئۇسۇلدا ھامىلدار بولۇشنىڭ تېخىمۇ زور ئالقىشقا ئېرىشىدىغانلىقىنى بايقىغان . ئۇ مەلۇم بىر تور بېكىتى ئارقىلىق بالىلىق بولۇش ئارزۇسى بار ئاياللار بىلەن ئالاقىلاشقان . ھەمدە ئۇلارنى ساغلاملىق كاپالەتنامىسى ئارقىلىق خاتىرجەم قىلغان . ئاندىن بالىنىڭ بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقى توغرىسىدا قانۇنلۇق توختام تۈزگەن . مۇشۇنداق قىلىپ ، ئۇ ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن . چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتى %80 كە يەتكەن . ھەمدە پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەن . ئەگەر سىز ئۇرۇق ئامبىرىغا برسىڭىز بىر قېتىملىق ئۇرۇق ئۈچۈن تۆت-بەش مىڭ فوندستېرلىك خەجلىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ .
خېبورننىڭ 82 پەرزەنتى ئىچىدە 45 قىز ،35 ئوغۇل ئىكەن . قالغان ئىككى پەرزەنتى تۇغۇلۇش ئالدىدا بولۇپ ، جىنسى تېخى ئېنىقلانمىغانىكەن . مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە ، خېبورننىڭ ئىمزالىغان بېقىش مەسئۇلىيىتى ئۈستىگە ئالماسلىق توغرىسىدىكى توختام ئىناۋەتسىز بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن . ئەگەر بۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ئانىلىرى ئۇنىڭدىن بالىنى بېقىشنى تەلەپ قىلىپ قالسا ، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشى پۇل تېپىش كويىدا ئۆتىدىكەن .