ياۋروپادا ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى بارغانسېرى قىيىنلاشتى

362 2012-04-18 10:57:09   نۇر تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      ئەنگېلىيە ‹‹گۋاردىئان گېزىتى››نىڭ 16-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادى كىرزىستىن بۇيان ، ياۋرۇپادىكى ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %50 ئاشقان ، بۇ ئۇمۇمى ئىشسىزلىق نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى ، شۇنىڭدەك ھازىر ياۋرۇپادا خىزمەت قىلىۋاتقان ياشلار ئىچىدە يېرىمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىم خىزمىتى يوق. ‹‹گۋاردىئان گېزىتى››دە ئېيتىلىشىچە ، ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ 2020-يىلدىن بۇرۇن ياۋرۇپادا 17مىليون 500مىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە ، لىكىن ئالدىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى ھاكىمىيەت قەرز كىرزىسىنى ئويىلىساق ، ياۋرۇپا ياشلىرىنىڭ چىقىش يولى يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا ، شۇنىڭدەك كىرزىس ياۋرۇ رايونىدىكى بىر قەدەر مۇقىم بولغان شىمالى تەرەپ بىلەن ئىقتىسادى تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتقان ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ پەرقىنى كۈندىن –كۈنگە چوڭايتىۋاتىدۇ . خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، ياۋرۇ ئىتتىپاقىنىڭ ھەيئەتلەر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە ،ھازىر ياۋرۇپادا ، ياشلار ئۇمۇمى ئەمگەك كۈچىنىڭ پەقەت 10/1 نى ئىگەللىسىمۇ ، لىكىن 10نەپەر ئىشسىز قالغان ئادەم ئىچىدە ئۈچ كىشى 24ياشتىن تۆۋەن ئىكەن . ياۋرۇپانىڭ ئۇمۇمى ئىشسىزلىق نىسبىتى جايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ . ئىسپانىيە ۋە گرېتسىيەدە ، يېرىم دىگۈدەك ياشلارنىڭ خىزمىتى يوق ، لىكىن گىرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە گوللاندىيەدە بۇ نىسبەت پەقەت 10/1 . بۇنىڭ سىرتىدىكى ئالتە ياۋرۇ ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى تەخمىنەن%30 ، ئىش ئورنىدىكى ياشلار ئىچىدە %44 كىشىنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق خىزمەت توختامنامىسى بار . بىر ئىشقا ئورۇنلاستۇرۇش سىياسىتى ھۆججىتىدە مۇنداق دېيىلگەن : ‹‹يېقىندىن بۇيان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئېشىپ بېرىش يۆنىلىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ بارىدۇ ، ھەمدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ››. خەۋەر قىلىنىشىچە ، 6-ئايدىكى ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنىدا ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن ، لىكىن ئېنىقكى ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى قەرزنى يېنىكلىتىش تۈرلىرى ، چىقىمنى ئازايتىش قاتارلىق ئېغىر مەسىلىلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ. ئىگىلىنىشىچە ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئەتلەر كومىتېتى 18-ئاپرېل ئېلان قىلىدىغان پىكرىدە ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچى بار ، ئەڭ چوڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان كەسىپلەر رەتكە تىزىپ چىقىلدى ، مەسىلەن يېشىل ئىقتىساد ، ITكەسپى ،سەھىيە ۋە جەمئىيەت مۇلازىمىتى كەسپى قاتارلىق ساھەلەر . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەيئەتلەر كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى ئىسلاھاتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، ياۋروپادا كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر بەردى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر