دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي سۇ ئۈزۈش كۆلى

554 2012-04-12 11:21:04   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى


 

چىلىينىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دېڭىز ساھىلى شەھىرى ئالگروبودىكى ئىستىراھەت كەنتىگە جايلاشقان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سۈنئىي سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1013 مېتىر ، ئومۇمىي كۆلىمى سەككىز گېكتار كېلىدىكەن . 250 مىڭ كۇب مېتىر سۇنى سىغدۇرالايدىكەن . بۇ 6000 دانە ئائىلە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بىلەن باراۋەر كېلىدىكەن . كىشىلەر ھەتتا بۇ كۆلدە قېيىق ھەيدىيەلەيدىكەن . سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ سۈيىمۇ دېڭىزدىن ئېقىپ كىرگەن سۇ بولۇپ ، يازلىقى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 26 سېلسىيە گرادۇس ئەتراپىدا ساقلىنىدىكەن . كۆپكۆك سۇلار كىشىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن . بۇ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى دۇنيا جىنس رېكورتى قامۇسىغا كىرگۈزۈلگەنىكەن .

 
 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر