ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، فىرانسىيەلىك بىر يول ئىشچىسى ئۆزىنىڭ ناتسىست گىتلېرنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان .بۇ ئەر كىشىنىڭ ئىسمى فىلىپ لورېت بولۇپ بۇ يىل 56 ياش ئىكەن . فىلىپ لورېت بۇنى بۇرۇن ھېچكىمگە ئاشكارىلىمىغان ئىكەن .ھەتتا دوستلىرى ، خىزمەتداشلىرى ۋە ئايالىمۇ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ئىكەن .ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ بۇ خىل كۆز قاراشنى قوللايدىغان يېڭى ئىسپات تاپقانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاشكارىلاشقا قوشۇلغان .3-ئايدا ئەنگلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كونا ئەسكەر لونارد ۋېلكىسنىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ فرانسىيىدە خىزمەت ئۆتىگەن ۋاقتىدا يازغان كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئاشكارىلاپ ، فىلىپ لورېتنىڭ دادىسى دەل گىتلېرنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.