قەبىھ ئانا تورخانىنىڭ خالاسىدا تۇغۇپ بوۋىقىنى ئۆلتۈرۋەتكەن

1233 2012-04-12 10:42:27   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   ياپۇنىيە ئاخبارات ۋاستىسى خەۋىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى خەۋىرى: كورىيە ساقچى ئىدارىسى تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولۇپو قېلىپ، تورخانىنى ھاجەتخانىسىدا بالىسىنى تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆلتۈرىۋەتكەن 26ياشلىق ئايالنى قولغا ئالدى. گۇماندار 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مەلۇم بىر تورخانىدا تور ئويۇنى ئويناۋاتقاندا، بالىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ھاجەتخانىغا كىرىپ بالىنى تۇغقان. كىيىن بالىنى سۇلىياۋ خالتىغا سېلىپ ئېغىزىنى مەھكەم بوغقاندىن كىيىن سىرتتىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا تاشلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
      رايونلۇق ساقچى ئىدارىسى سۈرۈشتۈرگەندە بۇ ئايال :« ئەينى ۋاقىتتا ئويۇن بىلەن بولۇپ كېتىپ، باش سۈيىنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقماي قاپتىمەن.» دېگەن. تورخانا خوجايىنى ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۇ ئايالنىڭ ھەر كۈنى مۇشۇ تورخانىغا كېلىپ تور ئويۇنى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتقان. باشقا ئىنچىكە تەكشۈرۈشلەر ھازىر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئەمما بۇ تور خۇمار ئانا بالىلارنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر